تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئۈرۈمچى شەھىرى: ئالاھىدە ئوقۇش باشلاش مەۋسۇمىدە بالىلارنىڭ قەلبى ئىللىقلىققا تولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 39-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى چيۇ چېڭيى سومكىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن خۇشال ھالدا: «خىزمەت ئەترىتىدىكى تاغا-ھەدىلەرنىڭ بىزگە يېڭى سومكا ئەكىلىپ بەرگىنىگە رەھمەت!» دېدى.

  شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ شۈيتاشەن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىتتىپاق مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «ئالاھىدە ئوقۇش باشلاش مەۋسۇمىدە بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، تەۋەلىكىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا سومكا، ئوقۇشتىن سىرتقى كىتاب، ئوقۇش قوراللىرى قاتارلىق ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى ياخشى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  پائالىيەت نەق مەيدانىدا، سومكا ۋە ئوقۇش قوراللىرىنى تاپشۇرۇۋالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى. بالىلار بەس-بەستە خىزمەت ئەترىتىدىكى تاغا-ھەدىلەرگە قىزىل گىلاستۇك تاقاپ رەھمىتىنى بىلدۈردى.

  «يۇقۇمغا قارشى تۇرۇۋاتقان قەھرىمانلار بولغاچقا، بىز خاتىرجەم دەرس ئوقۇيالىدۇق! پەردە ئارقىسىدىكى قەھرىمانلارنىڭ بىزنى قوغدىغىنىغا رەھمەت، بىز چوقۇم ياخشى ئوقۇيمىز!» دېدى چيۇ چېڭيى.

  ئىتتىپاق مەھەللىسىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ما لى مۇنداق دېدى: «بالىلارنىڭ چېھرىدىكى بەخت كۈلكىسى خىزمىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. بالىلارنىڭ كېيىنكى ئۆگىنىش جەريانىدا ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ يەتكۈزگەن غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» (ماقالىنى ئىختىيارىي مۇخبىر سۈن جېنسۇڭ تەمىنلىدى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى