تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

داۋاملىق قۇرۇلىدىغان سۇچىلىق تۈرلىرىدە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %70تىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەينىڭ 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئېچىلغان پۈتۈن شىنجاڭ سۇچىلىق خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بۇ يىل داۋاملىق قۇرۇلىدىغان 71 سۇچىلىق تۈرىنىڭ 53 تۈرىدە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %74.65 بولغان. پىلان بويىچە يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ھەم دائىرىلىك سۇچىلىق تۈرى جەمئىي 417 تۈر بولۇپ، ھازىر 135 تۈردە ئىش باشلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داۋاملىق قۇرۇلىدىغان ۋە يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈرلەر چوڭتاش جىلغىسى، داشىمېن سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك سۇ تېجەش، سۇ بىلەن تەمىنلەش مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، تۇدۇڭخابا لوۋجۇاڭزى سۇ ئامبىرى قاتارلىق 16 تۈرلۈك ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى ھەمدە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرىغا يوللىغان ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبارلىرى، يېزىلاردىكى ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش، خەتەر يۇشۇرۇن ئامىلى بار سۇ ئامبارلىرىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىپ پۇختىلاش، سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ داۋاملىق قۇرۇلىدىغان يانداش ۋە سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش تۈرلىرى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن.

2 - ئاينىڭ بېشىدا، سۇچىلىق تارماقلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا خېرىدار چاقىرىلىدىغان تۈرلەرنىڭ ئەھۋالى، قۇرۇلۇۋاتقان مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەھۋالى، داۋاملىق قۇرۇلىدىغان تۈرلەردە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەردە ئىش باشلاش ئەھۋالى، تۈر قۇرۇلۇشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاش ئېلىپ باردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كۈندىلىك مەلۇمات شەكلىنى قوللىنىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ، قۇرۇلۇشتا ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەدبىر بەلگىلەش ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى.

تۈرلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالىغا قارىتا، سۇچىلىق تارماقلىرى كونكرېت ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى: دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە 3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ شىمالىي شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە كىلىماتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق، تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئارقا - ئارقىدىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىش؛ سۇ بۇزۇۋەتكەن، ئاپەتتە زىيانغا ئۇچرىغان قۇرۇلۇشلارنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمدە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇپ كەلكۈن مەزگىلىدىن ئۆتۈش قۇرۇلۇشىدا بالدۇرراق ئىش باشلاپ، كەلكۈن كېلىشتىن بۇرۇن قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا تىرىشىپ، قۇرۇلۇشلارنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ باشقا سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىدىمۇ ئىش باشلاشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمەتلىرىنى تېزلىتىپ، ئىش باشلاش شارائىتىنى ئىمكانقەدەر تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى