تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ۋاڭ چىڭپىڭ: مەردانە قەھرىمانلىق ناخشىسىنى پۈتۈپ چىقىش

ۋاڭ چىڭپىڭنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي تېلېگراممىسى (مۇخبىر جيا چىلۇڭ) شاڭخەي جىڭبېيچۈ ھەربىي تارىخ سارىيىغا كىرگەندە، ۋاڭ چىڭپىڭنىڭ كەينىگە بۇرۇلۇپ كۈلۈپ تۇرغان چوڭ سۈرىتى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ.

ۋاڭ چىڭپىڭ، شاڭخەي جىڭبېيچۈ سىلىڭبۇسى خەۋەرلىشىش پونكىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سىياسىي يېتەكچىسى ئىدى. 2005 - يىلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ۋاڭ چىڭپىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى راست گىرانات تاشلاش مەشىقىگە تەشكىللىگەن. بىر جەڭچى ئىككىنچى گىراناتنى تاشلىغاندا، گىرانات ئېھتىياتسىزلىقتىن قولدىن چىقىپ كېتىپ، ئارقا ئوڭ تەرىپىگە تەخمىنەن بىر مېتىر كېلىدىغان يەرگە چۈشۈپ، گىراناتتىن ئىس كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان. تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن خەتەرلىك ئەھۋالدا، چۆچۈپ كەتكەن جەڭچى ئىختىيارسىز يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قالغان.

ۋاڭ چىڭپىڭ تېزدىن ئالدىغا ئۆتۈپ، ئىككى قولى بىلەن ئۇنى تۇتۇپ يوشۇرۇن خەندەك تەرەپكە تارتقان. جەڭچىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى بەك تۆۋەن بولغاچقا، ۋاڭ چىڭپىڭ بىرىنچى قېتىم كۈچەپ تارتقاندا ئۇنى جايىدىن قوزغىتالمىغان. ھايات - ماماتلىق پەيتتە، ۋاڭ چىڭپىڭ قىلچە ئىككىلەنمەي ئوڭ تەرەپكە چوڭ بىر قەدەم تاشلاپ، جەڭچىنىڭ ئوڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆزىنى ئېتىپ، بەدىنى بىلەن ئۇنى قوغدىغان ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى يوشۇرۇن خەندەك تەرەپكە ئىتتىرگەن ...

گۇم! پارتلاش ئاۋازىدىن كېيىن، جەڭچى قۇتۇلۇپ قالغان، ئالتە گىرانات پارچىسى ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن ۋاڭ چىڭپىڭغا تەگكەن. گەرچە پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ، 35 ياشلىق ۋاڭ چىڭپىڭنىڭ يارىسى ئېغىر بولغاچقا، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

ۋاڭ چىڭپىڭ ئىلگىرى كۆپ قېتىم راست گىرانات تاشلاش مەشىقىنى تەشكىللىگەن، ئۇ گىراناتنىڭ پارتلاش ۋاقتىنى ناھايىتى ئېنىق بىلەتتى. ئەينى چاغدا، يوشۇرۇن خەندەك ئۇنىڭ يېنىدىلا بولۇپ، پەقەت سولغا بىر قەدەم ئاتلىسىلا ئامان قالاتتى. لېكىن، جەڭچىنى قوغداش ئېڭى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ساقلاش ئىقتىدارىدىن غالىب كەلگەن. ھايات - ماماتلىق خەتەرلىك پەيتتە، ئۇ كەسكىن تاللاش چىقارغان.

ۋاڭ چىڭپىڭ ھاياتى بەدىلىگە مەردانە قەھرىمانلىق ناخشىسىنى پۈتۈپ چىقتى.

ھەربىي سەپكە قاتناشقان 18 يىلدا، ۋاڭ چىڭپىڭ ئىككى قېتىم شەرەپ بىلەن 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، «شاڭخەي شەھىرى يېڭى ئۇزۇن سەپەر زەربىدارى» بولۇپ باھالانغان، «جۇڭگو ياشلىرى <4 - ماي> مېدالى»غا ئېرىشكەن. ئۇ كادىر بولغان 13 يىلدا، ئوخشاش بولمىغان ئالتە خىزمەت ئورنىغا ئالمىشىپ، ھەممە ئورۇندا ناھايىتى قالتىس ئىشلىگەن: خەۋەرلىشىش پونكىتى ليەنىنىڭ جىداۋيۈەنى بولغاندا، ئۇدا ئالتە يىل ئىلغار بولۇپ باھالىنالمىغان ئورۇن شۇ يىلىلا ئىلغار بولغان؛ ليەنجاڭ بولغان مەزگىلدە، ليەندۈيگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر قېتىم كوللېكتىپ 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، ئىككى قېتىم كوللېكتىپ 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، ھەر يىلى ئىلغار ليەندۈي بولۇپ باھالانغان. ئۇ تەشكىللەپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان «مەن نومۇر يادلاشنى ياخشى كۆرىمەن» يۇمشاق دېتالى شاڭخەي جىڭبېيچۈ تەرىپىدىن پەن - تېخنىكا ھەربىي مەشىقى نەتىجىلىرى بويىچە 1 - دەرىجىلىك بولۇپ باھالانغان؛ كومپيۇتېردا سىزىلغان «خەۋەرلىشىش يول خەرىتىسى» شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ خەۋەرلىشىش سىستېمىسىنىڭ «نېرۋا مەركىزى خەرىتىسى»گە ئايلانغان؛ جەڭچىلەرنى باشلاپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان «توك مەنبەسىنى يىراقتىن نازارەت قىلىش - كونترول قىلىش، سىگنال بېرىش سىستېمىسى» خىزمەت ئۈنۈمىنى 20 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرگەن...

ۋاڭ چىڭپىڭ بىرىنچى سەپتىكى ئەسكەر يېتەكلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن - ئاخىر جەڭچىلەرنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرگەن: يېڭى ئەسكەرلەر دەسلەپتە كەلگەندە، ئائىلىسىدىكىلەر ۋاڭ چىڭپىڭنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تارتقان سۈرەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان؛ كونا ئەسكەرلەر ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندە، ئۇ ئادەتتە كۆڭۈل قويۇپ يىغقان ھەربىي گازارمىدىكى تۇرمۇش سۈرەتلىرى ۋە سىن لېنتىسىنى ئالالايتتى. ھەر يىلى چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كېچىسى، ئۇ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىلەن بىللە چاغانلىق تاماق يېيىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، قاراۋۇلخانا، كومپيۇتېرخانىغا بېرىپ نۆۋەتچى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەردىن ھال - ئەھۋال سورىغان. ئۇ خەۋەرلىشىش پونكىتىدا مەدەنىيەت كەچلىك كۇرسى ئېچىپ، يەرلىك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەڭچىلەرگە مەدەنىيەت دەرسى تەكرار قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان؛ جەڭچىلەرنىڭ ئۆگىنىش ماتېرىيالى كەمچىل بولسا، ئۇ ئالاقىلىشىپ كوللېكتىپ كىتاب ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسى بېجىرگەن؛ جەڭچىلەر كومپيۇتېر ئۆگەنمەكچى بولغاندا، ئۇ «ليەندۈي كومپيۇتېر تەربىيەلەش مەركىزى»نى قۇرغان، ليەندۈيدىكى كۆپلىگەن جەڭچى ھەربىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، 100گە يېقىن جەڭچى ئوتتۇرا تېخنىكومدىن يۇقىرى دىپلومغا ئېرىشكەن.

«چىڭپىڭدىن ئۆگىنىپ، خىزمەت ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، سەرخىل قوشۇننى چېنىقتۇرۇش؛ چىڭپىڭدەك بولۇپ، ئۈچ چى ئاپپارات سۇپىسىدا ياخشى نەتىجە يارىتىش؛ چىڭپىڭدىن ئۆگىنىپ، تاۋلىنىشقا جۈرئەت قىلىپ، خەۋەرلىشىش كاپالىتى بويىچە سەرخىل قوشۇن بەرپا قىلىش؛ كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ليەندۈي قۇرۇپ چىقىش». ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋاڭ چىڭپىڭ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان قىسىمدا قەھرىماندىن ئۆگىنىش، قەھرىمان بولۇشتىن ئىبارەت كۈچ ئۇلاش تايىقىغا توختىماي ۋارىسلىق قىلماقتا...

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى