تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

زەھەر چەكلەش قەھرىمانى ۋۇ گۇاڭلىن: خەتەرنى كۆرگەندە ئاتلىنىش، پايدىنى كۆرگەندە ئۆتۈنۈپ بېرىش

ۋۇ گۇاڭلىننىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇنمىڭ تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ يەن) زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ ئوقىدا يىقىلغاندا، ئۇ ئاران 35 ياشتا ئىدى. ئادەتتە، ئۇ خىزمەتتە «خەتەرنى كۆرگەندە ئاتلىنىدىغان، پايدىنى كۆرگەندە ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان» ئادەم ئىدى. زەھەر ئەتكەسچىلىرىدىن ئىنتايىن نەپرەتلىنەتتى، پۇقرالارغا مۇھەببىتى چوڭقۇر ئىدى. ۋۇ گۇاڭلىن ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى ئارقىلىق بىر زەھەر چەكلەش ساقچىسىنىڭ ساداقىتى ۋە پىداكارلىقىنى پۈتۈپ چىقتى.

ۋۇ گۇاڭلىن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لىنساڭ شەھىرى فېڭچىڭ ناھىيەسىدىن، خەنزۇ، مەخسۇس كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە. 1992 - يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، 2004 - يىلى 2 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئىلگىرى فېڭچىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتى رازۋېدكا ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى، مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى بولغان.

لىنساڭ شەھىرى فېڭچىڭ ناھىيەسى دۇنيانىڭ زەھەر مەنبەسى بولغان «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك» بىلەن چېگراداش بولۇپ، زەھەرنىڭ چېگرادىن كىرىشتىكى مۇھىم يوللىرىنىڭ بىرى. ۋۇ گۇاڭلىن ئىزچىل بىر زەھەر چەكلەش ساقچىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندە ئۇ ئەسلىدە ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىگە كىرىپ خىزمەت قىلغان. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، ناھىيەدە يېڭىدىن زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتى قۇرۇلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئۇ كەسكىنلىك بىلەن باشقىلار ھەۋەس قىلىدىغان «ئالتۇن تاۋاق»تىن ۋاز كېچىپ، تىزىملىتىپ ساقچى بولغان.

12 يىل ئىچىدە، ۋۇ گۇاڭلىن باشتىن - ئاخىر زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلغان. جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن ئاتاكىدا ئالدىدا تۇرغان. ئىلگىرى ئۇ زەھەر ئەتكەسچىسى سەپدىشىنى سۆرەپ دەرياغا سەكرىمەكچى بولغان پەيتتە، سەپدىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇۋالغان؛ زەھەر ئەتكەسچىسى سەپدىشىنىڭ بېشىغا تاپانچىنى تەڭلەپ تۇرغان پەيتتە، سەكرەپ چىقىپ زەھەر ئەتكەسچىسىنى بويسۇندۇرغان؛ ئۆزى يالغۇز زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىغا سۇقۇنۇپ كىرىپ، زور مىقداردىكى زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەن. مۇشۇنداق قەيسەر ۋۇ گۇاڭلىننىڭ يەنە مۇلايىم تەرىپىمۇ بار: يېزا - كەنتلەردىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرس ئۈستەللىرى ئوغرىلانغاندا، ئۇ ئون نەچچە چاقىرىم تاغ يولىدا قوغلاپ ئۈستەللەرنى قايتۇرۇپ كەلگەن؛ زەھەر ئەتكەسچىسى تۇتۇلغان چاغدا، زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ ئاغرىپ قالغان خوتۇنىنى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ داۋالاتقان؛ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى كۆرگەندە، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۈجمە تىكىپ پىلە بېقىشنى ئۆگىنىشىگە ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن...

12 يىل ئىچىدە، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا كۆپ قېتىم خىزمەت ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تاللىشى باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمىگەن. ئۇنىڭ ئۇزاق مۇددەت زەھەر چەكلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، رەھبەرلىك ئۇنىڭ ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ بەرمەكچى بولغاندا، ئۇ ئېنىق رەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «زەھەر چەكلەش خىزمىتى خەتەرلىك، مەن بۇنى بىلىمەن، لېكىن ھەرقانچە خەتەرلىك بولسىمۇ، يەنىلا قىلىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك».

2004 - يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتى زەھەر ئېلىپ يۈرگەن ئىككى گۇمانلىق كىشىنىڭ شياۋۋەن بازىرى چاجاڭ كېچىكىدىن ئۆتىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ۋۇ گۇاڭلىن ئىككى خەلق ساقچىسى بىلەن توسۇپ تەكشۈرۈپ تۇتۇشقا بارغان. كەچقۇرۇن سائەت 6دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە پىستىرما قويۇش نۇقتىسىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلار ئىككى سائەتكە يېقىن يوشۇرۇنۇپ ساقلىغان بولسىمۇ، گۇمانلىق كىشىلەر يەنىلا پەيدا بولمىغان. كەچ سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇلار ئىككى قارا كۆلەڭگىنىڭ پىستىرما نۇقتىسىغا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. بۇ يولنىڭ شۇ جايدىكى ئاساسلىق يول ئىكەنلىكى، ئۆتىدىغان ئاممىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىككىيلەننىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ۋۇ گۇاڭلىن ۋە سەپداشلىرى ئۇلار بىلەن ئۇدۇل ئۇچرىشىشنى تاللىغان. ئۈچەيلەن قورشاپ چىقىپ قارشى تەرەپنىڭ يولىنى توسۇۋالغاندىن كېيىن، ۋۇ گۇاڭلىن: «بىز جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار!» دەپ ۋارقىرىغان. گېپى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا، قارشى تەرەپ تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا ئوق چىقارغان، ۋۇ گۇاڭلىن يەرگە يىقىلغان. سەپداشلىرى دەرھال قايتۇرما زەربە بەرگەن... بىرمەھەل كەسكىن ئېتىشىشتىن كېيىن، بىر زەھەر ئەتكەسچىسى يارىلىنىپ زەھەرنى تاشلاپ قاچقان، يەنە بىر زەھەر ئەتكەسچىسى تاغ ئورمىنىغا كىرىپ مۆكۈۋالغان. سەپداشلىرى ۋۇ گۇاڭلىننى تېزدىن يۆلىگەن، ئەمما ئۇ چاغدا ھەرقانچە توۋلىسىمۇ ئۇ ھوشىغا كەلمىگەن: ۋۇ گۇاڭلىن بېشىغا ئوق تېگىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

ئەتراپتىكى ئامما ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئارقا - ئارقىدىن تاياق - توقماق، ئوتىغۇچلارنى كۆتۈرۈپ ياردەمگە كەلگەن. ئۇلار خەلق ساقچىلىرىغا ماسلىشىپ يارىلانغان زەھەر ئەتكەسچىسىنى مۇھاسىرىگە ئالغان. ئەتىسى سەھەردە ياردەمگە كەلگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ئاختۇرۇپ، بۇ زەھەر ئەتكەسچىسىنى تۇتۇپ، نەق مەيداندا بىر تاپانچا، بىر گىرانات، بىرنەچچە پاي ئوق ۋە 4385 گىرام خىروئىننى قولغا چۈشۈرگەن. 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ساقچى تەرەپ قېچىپ كەتكەن يەنە بىر زەھەر ئەتكەسچىسىنى قورشاپ تۇتۇش جەريانىدا ئۇنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، بىر تاپانچا، بىر خەنجەر، بىر نەچچە پاي ئوق ۋە 4650 گىرام خىروئىننى قولغا چۈشۈرگەن. ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ روھى تەسەللى تاپقان!

ۋۇ گۇاڭلىن قۇربان بولۇشتىن ئىلگىرى ئېرىشكەن شان - شەرەپ كۆپ ئەمەس ئىدى، چۈنكى ھەر قېتىم خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلىنىدىغان چاغدا، ئۇ ھەمىشە باشقىلارغا ئۆتۈنەتتى: ئۆزۈم ئەترەت رەھبىرى، زەھەر ئەتكەسچىلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئېتىشمىدىم، كاماندىروپكىغا چىققاندا جەدۋەل تولدۇرۇشقا ۋاقتىم چىقمايدۇ، دېگەندەك ھەر خىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋالاتتى... 2004 - يىلى 12 - ئايدا، ۋۇ گۇاڭلىنغا يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «زەھەر چەكلەش قەھرىمانى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلدى ھەم «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ تەستىقلاندى، كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى، دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلدى.

قەھرىمان ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە روھىغا ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىندى... ۋۇ گۇاڭلىن ھايات ۋاقتىدا تۇرۇشلۇق فېڭچىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتى يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانلا، زەھەر دېلوسىدىن 380نى پاش قىلدى، 560 جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى، 2700 كىلوگىرامدىن ئارتۇق زەھەرنى قولغا چۈشۈردى. مۈشكۈل بولغان زەھەر چەكلەش خىزمىتى ئالدىدا، خەلق ساقچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلق ساقچىلىرىنىڭ دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان سادىق ئېتىقادىنى شەرھلىدى. بۇ كوللېكتىپ 2014 - يىلى 8 - ئايدا، 2016 - يىلى 12 - ئايدا ئىلگىرى - كېيىن ئىككى قېتىم جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن شەرەپ بىلەن كوللېكتىپ 1 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ خاتىرىلەندى، 2018 - يىلى 12 - ئايدا يۈننەن ئۆلكىسى بويىچە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. ئۇلار قەھرىماننىڭ ئىزىنى بويلاپ، زەھەر چەكلەش كۈرەش سېپىدە داۋاملىق زەھەرلىك ئۆسمىنى كېسىپ تاشلاپ، زەھەر تورىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى ئارقىلىق زەھەر چەكلەشتىن ئىبارەت خەلق ئۇرۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى