تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تەكلىپ بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئوچۇق، ئاشكارا، مەسئۇلىيەتچان بولۇش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەمدە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار دۆلەتلەرگە يۇقۇم ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، جۈملىدىن بىرىنچى ۋاقىتتا ۋىرۇس گېن تەرتىپى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، قىلچە ئايانماي ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە داۋالاش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى ھەم كۈچىنىڭ بارىچە ئېھتىياجلىق بولغان دۆلەتلەرگە مەدەت ۋە ياردەم بەردى. بىز داۋاملىق مۇشۇنداق قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە بۇ مەيدان يۇقۇمدا غەلىبە قىلىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تارقىلىشچان كېسەل دۆلەت چېگراسى ۋە ئىرق ئايرىمايدۇ، ئۇ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. خەلقئارا جەمئىيەت پەقەت ئورتاق تاقابىل تۇرغاندىلا، ئاندىن جەڭدە غەلىبە قىلالايدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا ئاز بولمىغان ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىپ، ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، يەر شارىۋى ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۇچۇرلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەمكارلىقىنى تېزلىتىپ، يەر شارىۋى سەھىيە ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى؛ ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يەر شارىۋى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئوچۇق، مۇقىم، بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ سوئالغا جاۋابەن جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا قوللانغان تەدبىرلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن ئامېرىكىدىكى يۇقۇمنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن ۋە ئۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ بىرقاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىغىمۇ دىققەت قىلدىم. جۇڭگو خەلقى ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى بالدۇرراق كونترول قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئامېرىكا خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنى ئازايتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىزچىل ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى. ھازىرقى ئەھۋالدا، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ سەھىيە تارماقلىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرى خەلقئارا يۇقۇم ۋەزىيىتى، جۇڭگو - ئامېرىكا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمكارلىقى توغرىسىدا ئىزچىل ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى، جۇڭگو تەرەپ قىلچە ئايانماي ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئۇچۇر ۋە تەجرىبىلەردىن داۋاملىق تەڭ بەھرىلىنىشنى خالايدۇ. جۇڭگودىكى بىرقىسىم ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە كارخانىلار بەس - بەستە ئامېرىكا تەرەپنى داۋالاش ئەشيالىرى ياردىمى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھازىرقى قىيىن ئەھۋالىنى چۈشىنىدۇ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە قوللاشنى خالايدۇ. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە ئامېرىكىدا يەنىلا جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن جۇڭگو پۇقراسى بار. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىر مۇھىم ئۆتكەلدە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئېلىشىشى ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق، ھەمكارلىق بىردىنبىر توغرا تاللاش. ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە ماھىيەتلىك ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ترامپ مۇنداق بىلدۈردى: مەن رەئىس ئەپەندىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە 20 دۆلەت گۇرۇھى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدىم، مەن ۋە ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ھەممىمىز سىز ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراش ۋە تەشەببۇسنى ئالقىشلايمىز.

ترامپ شى جىنپىڭدىن جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تەپسىلىي سوراپ، مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ھەممىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، مەن جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە پائال ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ خۇشال بولدۇم. جۇڭگو تەرەپنىڭ تەجرىبىسى ماڭا ناھايىتى زور ئىلھام بولدى. مەن ئۆزۈم سۈرۈشتۈرۈپ، ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ كاشىلىنى تۈگىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، زېھنىمنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرىمەن. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئامېرىكا تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋالاش ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ داۋالاش سەھىيە ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، جۈملىدىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئامېرىكا خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى ۋە ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈردۈم، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو پۇقرالىرىنى ياخشى قوغدايدۇ.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە ئالاقىنى ساقلاشقا قوشۇلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى كەچتە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، تۈنۈگۈن بىز 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، ھەرقايسى تەرەپلەر يۇقۇمغا ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىجابىي سىگنال بەردۇق. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ بۇ يىلقى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى تەرىپلەيدۇ. ۋىرۇسنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، پەقەت خەلقئارا جەمئىيەت ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرغاندىلا، ئاندىن جەڭدە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىق، ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگودا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سىز بىرىنچى ۋاقىتتا ماڭا ھال سورايدىغانلىقىڭىزنى ۋە قوللايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرى بەس - بەستە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، جۇڭگو تەرەپكە كۆپ تۈركۈمدە ماددىي ئەشيا ياردەم قىلدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىدىغان، ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرىدىغان مىللەت. ھازىر، سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ يۇقۇمنىڭ كەسكىن خىرىسىغا دۇچ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ داۋالاش ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ ۋە قولايلىق يارىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ياخشى قوغداپ، پۈتۈن يەر شارى ۋە رايونلارنىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سالمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى كەسكىن، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزگىنلىدى، مەن بۇنى يۈكسەك تەرىپلەيمەن ھەم چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پۈتۈن دۇنياغا ئاكتىپ سىگنال بەردى. مېنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە قەتئىي ئىشەنچىم بار. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو يۇقۇم ئۈستىدىن ناھايىتى تېز غەلىبە قىلىدۇ ھەم تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن جۇڭگو ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان دوستلار، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ۋە داۋالاش ئەشيالىرى ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇنى سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو تەرەپ بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، سەھىيە، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىشىنىمەنكى، يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق، سەئۇدى ئەرەبىستان - جۇڭگونىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ، مۇستەھكەملىنىدۇ. رەئىس ئەپەندىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسى ئىچىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدىكى بۇ كىرىزىسنى تېزدىن يېڭىشىگە ئورتاق ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.