تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل 390 نۇقتىلىق تۈرنى ئورۇنلاشتۇردى

جەمئىي 1 تىرىليون 678 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تور بېكىتىدە 2020 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ يىل جەمئىي 390 نۇقتىلىق تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 1 تىرىليون 678 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن، بۇلار سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، كەسىپلەر، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق تۈرلەرگە چېتىلىدىكەن.

نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى 190 بولۇپ، جەمئىي 792 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە سۇچىلىق تۈرلىرى ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، چوڭتاش جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ قاتناش تۈرلىرى G30 شياۋساۋخۇ - ئۈرۈمچى تاشيول تۈرى، G7 لىنىيەسى ۋۇتۇڭ داچۈەن − باي يېزىسى − ئاراتۈرۈك تاشيول تۈرى، ئالتاي − كۆكتوقاي − شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريول تۈرى ۋە ئۈرۈمچى ئايروپورتى، قەشقەر ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئېنېرگىيە تۈرلىرىدىن شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن بېيسەن ئېلېكتىر ئىستانسىسى (خۇانېڭ) تۈرى، يەكەن دەرياسى زاڭگۇي سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇش تۈرى، شەرقىي جۇڭغار يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى تۈرى قاتارلىقلار بار؛ كەسىپلەر تۈرلىرى ئون توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك تۈرى، يەتتە خىمىيە سانائىتى تۈرى، بەش يېڭى گۈللەنگەن كەسىپ تۈرى، توققۇز ئىقتىساد سودا، ئەشيا ئوبوروت تۈرى، يەتتە باشقا تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، شەھەر - بازار قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلايدىكەن.

نۇقتىلىق يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈر 80 بولۇپ، جەمئىي 134 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، سۇچىلىق تۈرىدىن ئالتىسى بار بولۇپ، تىزناپ دەرياسى مومۇق سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، قورغان سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ قاتناش تۈرىدىن 18ى بار بولۇپ، S21 لىنىيەسى ئالتاي - ئۈرۈمچى تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى (خۇاڭخۇاگوۋ - ئۈرۈمچى بۆلىكى)، جاڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريول تۈرى، بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمى تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئېنېرگىيە تۈرىدىن 15ى بار بولۇپ، 2020 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، گوتەي شىنخۇا ۋۇسەيۋەن كان رايونىنىڭ 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق سانائەت كۆمۈر كان تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ كەسىپلەر تۈرىدىن 19ى بار بولۇپ، شىنجاڭ يىدى مۇھىت پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى گىرافىت ئالكىن كەسىپ تۈرى (خېبېي بېيشياڭ)، مىچۈەن - دۇڭسەن رايونى PVC پۈتۈن كەسىپلەر زەنجىرى ۋە يانداش كەسىپلەر ئىگىلىك تىكلەش باغچە رايونى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ خەلق تۇرمۇشى تۈرىدىن 21ى بار بولۇپ، شىنجاڭ پەن - تېخنىكا شۆيۈەنى قۇرۇلۇشى تۈرى، كۈسەن مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كىچىك بازىرىنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نۇقتىلىق زاپاس تۈر 120 بولۇپ، مۆلچەرلەپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 752 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى