تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي، كەسكىن ياخشى قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو شىنجاڭ مۇھىت ئاسراش كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي، كەسكىن ياخشى قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ مۇھىت ئاسراش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چۈەنگو شىنجاڭ مۇھىت ئاسراش كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى» ۋە «2019 - يىللىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتى ئەھۋالى ھەم 2020 - يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدىكى دوكلات»قا قاراپ چىقىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تەستىق سېلىپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى بېيىتتى، كېڭەيتتى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك پىكرى، يۈكسەك يىراقنى كۆرەرلىك ئىستراتېگىيەلىك پىلانى ۋە كەڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىنى تولۇق نامايان قىلدى. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىدىيە جەۋھىرى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا قوللىنىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، مۇزلۇق، قارلىقمۇ بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنى ساقلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى نۇقتىدىن تۈرتكە بولۇپ تۈزەشنى تۇتۇش، قاتتىق نازارەت قىلىپ ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىپ تۈزەشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزەش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، چىڭىتىپ، تۈرلۈك تۈزەش ۋەزىپىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۈزەپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى خەلق تۇرمۇشىدىكى ئالدىنقى ساھە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭى، زۇمرەت سۇنى قوغداش جېڭى، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭى، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت تۆت مەيدان بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم، زور جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان يېشىل تەرەققىيات بوشلۇقىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇلغىنىشنى تۈزەشتە مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەڭشەپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تېجەشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىدىكى تۈزۈلمە مېخانىزم ئىسلاھاتى ۋە تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مالىيە سېلىنمىسى ۋە پەن - تېخنىكا تىرىكىنى ئاشۇرۇش كېرەك. «14 - بەش يىل»دىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يىرىك پىلان تۈزۈشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئاسراشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شىنجاڭ مۇھىت ئاسراش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.