تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى يۈەن لېي، چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ 142 ئەترەت ئەزاسى ۋۇخەندىن ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ھەم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ۋاكالىتەن قەھرىمانلارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ئاق خالاتلىق جەڭچىلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىدا، «سىلەر جاپا چەكتىڭلار، قايتىپ كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز» «قەھرىمانلارغا ئېھتىرام» قاتارلىق قارشى ئېلىش پىلاكاتلىرى ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، ئايروپىلان تىنچ - ئامان قونۇپ، بۆلمە ئىشىكى ئېچىلغان شۇ پەيتتە، ئەڭ چىرايلىق گۈللەر، ئەڭ قىزغىن ئالقىشلار ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەرگە سوۋغا قىلىندى، ئەترەت ئەزالىرى يۇرتىدىكى خەلقنىڭ ھۆرمىتى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى 142 ئەترەت ئەزاسى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى ئالتە دوختۇرخانىدىن كەلگەن بولۇپ، 59 كېچە - كۈندۈز سىجىل جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى شەرق دوختۇرخانىسىدا خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، بۇرچنى ئادا قىلىپ، تىنچ - ئامان زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن.

لى پېڭشىن شىنجاڭغا قايتقان ئەترەت ئەزالىرىنى قارشى ئالغاندا مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، خۇبېي خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقى بىلەن، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خۇبېيغا ياردەمگە باردى، بارچە كۈچى، ئەجرىنى چىقاردى، ئۆزىنى ئۇنتۇپ خىزمەت قىلدى، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەللىك ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىپ، ھاياتلىقنى قوغداپ، ئاغرىقلارنى داۋالاپ ساقايتتى، زور مېھىر - مۇھەببىتىنى خۇبېي خەلقىگە، ۋۇخەن خەلقىگە بېغىشلىدى، خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشتى. سىلەر قەتئىي ئېگىلمەي، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇپ، تېببىي خادىملارنىڭ مېھرىبانلىقىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب روھنى نامايان قىلدىڭلار، يېڭى دەۋردىكى تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلدىڭلار، يۇرتتىكى خەلق سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ ۋە ئىپتىخارلىنىدۇ، سىلەر يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر!

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم ئالاقىدار تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا قايتقان تېببىي خادىملارنىڭ دەم ئېلىش، تەرتىپكە سېلىش مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. يۇقۇم جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك، ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاق خالاتلىق جەڭچىلەردىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، مەڭلىك سىيىت قارشى ئېلىشقا بىللە چىقتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى