تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش    دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 12 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا «ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2020 - يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، پائال پۇختا بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى سىجىل پۇختىلاش بىلەن بىللە، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تۈزۈلمە مېخانىزم جەھەتتە ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تاسادىپىي ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر، زور كېسەللەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىغا ۋە ئۇنى ئەتراپلىق ئىگىلەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ سىستېمىلىق توپلىشىشى، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنى بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، ساياھەت، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى ئىگىلىك، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتقا نۇقتىلىق تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تەشۋىقات، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. مۇھىم، زور ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، پائال ئىزدىنىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق دائىرىدىكى ئىسلاھاتنى كۆپەيتىشكە، كېڭەيتىشكە بولىدىغان تەجرىبە، ئۇسۇللار بىلەن تەمىنلەشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئەزالىرى ئەڭ ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىشقا، ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى «قۇرۇلۇش ئەترىتى باشلىقى» «زەربىدارلار ئەترىتى باشلىقى» بولۇش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىشى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھات ئىشخانىسى، ھەرقايسى مەخسۇس گۇرۇپپىلار، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار خىزمەت لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنى قەرەلىدە ئالغا سىلجىتىشقا، قەرەلىدە تاماملاشقا، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.