تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

خەلقئارا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يەر شارىۋى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى

   ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشكە پېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

   ۋاڭ خۇنىڭ ھەمراھ بولۇپ قاتناشتى

3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش   ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش   ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ياڭ يىجۈن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى كەچتە بېيجىڭدا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش   ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقى خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، ئومۇمىي خەلقنى سەپەرۋەر قىلىش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر مەيدان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلق ئۇرۇشىنى قوزغىدى. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، غايەت زور قۇربانلىق بەردى، نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كەلدى، لېكىن بىز يەنىلا ھوشيارلىقىمىزنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويساق بولمايدۇ. نۆۋەتتە، يۇقۇم پۈتۈن يەر شارىغا يامرىدى، خەلقئارا جەمئىيەت ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەتنىڭ بۇ مەيدان ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىش. جۇڭگو تەرەپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرگە چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ ھەمراھ بولۇپ قاتناشتى.

شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نۇرغۇن ئەزاسى جۇڭگو تەرەپكە سەمىمىي ياردەم ۋە مەدەت بەردى، بىز باشتىن - ئاخىر بۇ دوستلۇقنى ئەستە چىڭ ساقلايمىز ھەم قەدىرلەيمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەل پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىغا يامراپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا غايەت زور تەھدىت ئېلىپ كەلدى، يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە غايەت زور خىرىس ئېلىپ كەلدى. شى جىنپىڭ يىغىننىڭ قارالمىسى توغرىسىدا تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يەر شارىۋى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى سەھىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى بالدۇرراق ئېچىپ، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، دورا، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ چېگرا ھالقىپ تارقىلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى ئاجىز بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. مەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىش تەشەببۇسىنى چىقىرىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇچۇر ئالاقىسى، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش، ھەرىكەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى چىڭ ئىگىلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى پايدىلىق ئۇسۇللاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، دورا ۋە ۋاكسىنىنى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى قانات يايدۇرۇشنى ھەم يۇقۇم تارقالغان دۆلەتلەرگە چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

ئىككىنچى، خەلقئارا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تور بىلىملىرى مەركىزى قۇرۇپ، بارلىق دۆلەتلەرگە ئېچىۋەتتى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى توپلاپ، ئورتاق ھەمكارلىشىپ دورا، ۋاكسىنا، كۆزىتىپ ئۆلچەش قاتارلىق جەھەتلەردە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. رايون ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئالاقە مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

ئۈچىنچى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى پائال قوللاش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشىنى قوللايدۇ. مەن شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن: 20 دۆلەت گۇرۇھى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۆرسەتمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇۋاپىق پەيتتە يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش كېرەك.

تۆتىنچى، خەلقئارا ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلىشىپ ماكرولۇق سىياسەتنىڭ تاقابىل تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشكە پېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك مالىيە ۋە پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يەر شارىۋى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشى، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو خەلقئارا بازارنى خام ماتېرىيال دورا، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى زورايتىدۇ. ئاجىز توپنى قوغداپ، خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. جۇڭگو ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا، ساغلام پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئىمپورتنى پائال كېڭەيتىپ، تاشقى سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى: 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى ئورتاق تەدبىر قوللىنىپ، تاموژنا بېجىنى كېمەيتىپ، كەچۈرۈم قىلىپ، توسۇقنى بىكار قىلىپ، سودىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك سىگنال تارقىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈش ھەم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماكرولۇق سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش توغرىسىدا ۋاقتىدا زۆرۈر مېخانىزم خاراكتېرلىك ئالاقە ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە، بىز خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، پەقەت بىز جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولساقلا، چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن ئۈزۈل - كېسىل غەلىبە قىلىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى كۈتۈۋالالايمىز. (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى 2 - بەتتە)

بۇ يىلقى 20 دۆلەت گۇرۇھى رەئىس دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھى سالمان باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى ۋە مېھمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ھەرقايسى تەرەپلەر سۆزىدە بىردەك مۇنداق قارىدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيا مىقياسىدا تېز سۈرئەتتە يامراپ، دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە يەر شارىۋى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، سىياسىيغا غايەت زور سەلبىي تەسىر پەيدا قىلدى. بۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق كىرىزىس ئالدىدا، ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۆزىنىلا ئويلىسا بولمايدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشقا تېخىمۇ موھتاج، تېزدىن ماسلىشىپ، كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئۈزۈپ تاشلاپ، دورا ۋە ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق پەن تەتقىقات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى كۈچلۈك قوغداش كېرەك. ئۈنۈملۈك مالىيە ۋە پۇل سىياسىتى قوللىنىپ، يەر شارىۋى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يەر شارىۋى پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېزدىن جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن زىيىنىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۆۋەنلىتىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە ئاجىز توپنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەردى.

باشلىقلار يىغىنىدا «20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى باياناتى» ئېلان قىلىندى.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باشچىلىقىدا، سىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ يىغىن يەر شارىۋى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.