تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش  دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش

− رەئىس شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى، باشلىقلار يىغىنىدا ئىجابىي نەتىجىلەر ھاسىل قىلىندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جېڭ مىڭدا) رەئىس شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. باشلىقلار يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما چاۋشۈ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.

ما چاۋشۈ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى چىڭ ئىگىلەپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىي تەجرىبىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىرقاتار مۇھىم تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

بىرىنچى، «جۇڭگو تەجرىبىسى»نى تونۇشتۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقى جاپا - مۇشەققەتتىن، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل توغرا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، پۈتۈن خەلقنى سەپەرۋەر قىلىش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشىنى قوزغىدى. جۇڭگو قوللانغان ئۈنۈملۈك تەدبىر باشقا دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى.

ئىككىنچى، «جۇڭگو تەشەببۇسى»نى ئىزاھلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يەر شارىۋى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى ئاجىز بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە قول تۇتۇشۇپ ياردەم بېرىش كېرەك. خەلقئارالىق بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر جەزمەن قول تۇتۇشۇپ ئەڭ زىچ بولغان بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - بىرلىشىپ تىزگىنلەش تورىنى يېيىش كېرەك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى پائال قوللاپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى تۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ چېگرا ھالقىپ تارقىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن توسۇش كېرەك. خەلقئارا ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولغان مالىيە ۋە پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاموژنا بېجىنى كېمەيتىپ، كەچۈرۈم قىلىپ، قورغاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سودىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ تەشەببۇسلار يەر شارىۋى ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۈچىنچى، «جۇڭگو تەشەببۇسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە بىر قاتار ئەمەلىي تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەھەتتە، 20 دۆلەت گۇرۇھى سەھىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى ئىمكانقەدەر بالدۇر ئېچىپ، ئۇچۇردىن بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، دورا، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا تايىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۆرسەتمىسىنى كېڭەيتىشىنى تەكلىپ قىلدى. رايون ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئالاقىلىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئىزدەندى. يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى دەل ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىش ھەمكارلىقى جەھەتتە، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ياردىمى بېرىش تەشەببۇسى چىقىرىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قوللىشىدا، ئۇچۇر ئالاقىسى، سىياسەتنىڭ ماسلىشىشى، ھەرىكەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى. دۇنيا ئىقتىسادى، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈش ھەم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماكرولۇق سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش توغرىسىدا دەل ۋاقتىدا زۆرۈر بولغان مېخانىزم خاراكتېرلىك ئالاقە ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ تەشەببۇسلار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تۆتىنچى، «جۇڭگو تۆھپىسى»نى قوشتى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە پايدىلىق ئۇسۇللاردىن بەھرىلىنىپ، دورا ۋە ۋاكسىنىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى قانات يايدۇرۇشنى ھەم يۇقۇم تارقىلىش كۆرۈلگەن دۆلەتلەرنى ئامالنىڭ بارىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگو سالماقنى زورايتىپ خەلقئارا بازارنى خام ماتېرىيال دورا، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، ئىمپورتنى پائال كېڭەيتىپ، سىرتقا مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تور بىلىمى مەركىزى قۇرۇپ، بارلىق دۆلەتكە ئېچىۋەتتى. بۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى جانلاندۇرۇشقا مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ما چاۋشۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ قېتىمقى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئىجابىي نەتىجىلەر ھاسىل قىلىندى: بىرىنچى، ھەرقايسى تەرەپلەر خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا ۋەدە بەردى. باشلىقلار يىغىنىدا «20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى باياناتى» ئېلان قىلىنىپ، يۇقۇمنىڭ دۆلەت چېگراسى يوقلۇقى، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇم تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى. ھەرقايسى تەرەپلەر بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ھاياتلىقنى قوغداش، ئىقتىسادنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشكە ۋەدە بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىجابىي سىگنال يەتكۈزدى. ئىككىنچى، ھەرقايسى تەرەپلەر ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا بەھرىلىنىپ، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنى قوللاش بىلەن بىللە، يەرشارىۋى ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەلگۈسىدىكى يۇقۇملۇق كېسەل يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا ياخشى تەييارلىق قىلىشقا قوشۇلدى. ئۈچىنچى، ھەرقايسى تەرەپلەر يەرشارىۋى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، بازار ئىشەنچىنى جانلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، يۇقۇمنىڭ يەرشارىۋى سودا ۋە تەمىنلەش زەنجىرىگە بولغان زەربىسىنى ئازايتىشقا ۋەدە بەردى.

ما چاۋشۈ مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا كۆپ جايلاردا يامرىماقتا، ۋەزىيەت ئىنتايىن كەسكىن. بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم سۇپىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىشىگە تۈرتكە بولىمىز ھەم ئەمەلىي تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋىرۇسنىڭ يامرىشىنى بالدۇر توسۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.