تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ يېڭى تۇرمۇشنى باشلاش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، فۇ شياڭلۇڭ

باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلدى، يەنە سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان ياخشى مەزگىل يېتىپ كەلدى. يېقىندا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەردىن كەلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقان جايدىكى تۇرمۇشى قانداق؟ مۇخبىر مۇشۇ ھەقتە زىيارەت ئېلىپ باردى.

«ئۆزۈمنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتىمەن»

سائەت 7دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئورنىدىن تۇرۇش، سائەت 8دە يۈگۈرۈش، سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ناشتا قىلىش... بۇ بىرنەچچە كۈندە، ئالىمجان قادىرنىڭ تۇرمۇشى بىردىنلا تەرتىپلىك بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا: «ۋاقىتقا رىئايە قىلىشنى بىلدى، ئىنتىزام ئېڭى تېخىمۇ كۈچەيدى».

ئالىمجان 25 ياش، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئالامەت بازىرى تاغارچىئۆستەڭ كەنتىدىن، 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۈرۈمچىدىكى بىر كارخانىغا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى. كارخانا ياتاق - تاماقنى ئاللىقاچان ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانىدى، ئۇ ۋە ئىككى ھەمراھى بىر ياتاقتا تۇراتتى، پول پاكىز، يوتقان - كۆرپىلەر يېپيېڭى ئىدى، يەنە ھاۋا تەڭشىگۈچ سەپلەنگەنىدى، «خۇددى مېھمانخانىنىڭ ياتاقلىرىغا ئوخشايدىكەن، مەن بىرىنچى كۈنىلا دادام، ئاپاملار بىلەن سىندا كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ياتىقىمنى كۆرسىتىپ قويدۇم» دېدى ئالىمجان.

گەرچە كارخانىغا كەلگەن ۋاقتى ئۇزاق بولمىسىمۇ، ئەمما ئالىمجان ئۆزىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى: ئىلگىرى ئۆيىدە سائەت 9دىن ئاشقۇچە ئۇخلايدىكەنتۇق، ھازىر ئورنىدىن ۋاقتىدا تۇرىدىغان بوپتۇ؛ ئىلگىرى شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدىكەنتۇق، دائىم چىش چوتكىلاشنى ئۇنتۇپ قالىدىكەنتۇق، ھازىر ھەر كۈنى چىشىنى چوتكىلايدىغان بوپتۇ، يوتقان - كۆرپىلىرىنىمۇ رەتلىك يىغىدىكەن، ياتاقداشلىرى بىلەن نۆۋەتلىشىپ تازىلىق قىلىدىكەن. «ئۆزۈمنىڭ ئىشچان، پاكىز بولۇپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم» دېدى ئالىمجان سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا.

ئالىمجان مۇخبىرلارغا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلىگىلى كەلگەن يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ بەزىلىرىنىڭ باشقىلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالاملىشىشقا باشلىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى، كۆپچىلىكنىڭ يەنە ئۆزئارا ياردەملىشىدىغانلىقىنى، بىر ھەمراھىنىڭ پۇتى ئاغرىپ مېڭىشى قولايسىز بولۇپ قالغاندا، ئۇلارنىڭ ھەمراھىغا تاماقنى نۆۋەتلىشىپ ياتاققا ئەكېلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

«مۇئەللىملەر بىزگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، كادىرلار بىز بىلەن بىر بىنادا تۇرىدۇ، ھەرقانداق ۋاقىتتا تاپقىلى بولىدۇ.» ئالىمجاننىڭ دېيىشىچە، كارخانىغا كەلگەن ئىككىنچى كۈنى ئۇ زۇكام بولۇپ قالغان، كادىرلار ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، دەرھال دورا ئەكېلىپ بەرگەن. «مەن چىن قەلبىمدىن تەسىرلەندىم» دېدى ئالىمجان.

كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئالىمجان تولۇپ تاشقان ئۈمىدكە تولغانىدى: «مەن پۇرسەتنى قەدىرلەپ، بىلىمنى ياخشى ئۆگىنىپ، ماھارەتنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۆزۈمنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتىپ، مۇقىم خىزمىتىم ۋە كىرىمىم بولۇشقا تىرىشىمەن».

«بىزنىڭ يېڭى ئۆيىمىز بار بولدى»

3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپىدىكى بىر كۆچەت يېتىشتۈرۈش مەيدانىدا، 30 ياشلىق مەبۇدىخان قادىر لەڭمەن ئېتىۋاتاتتى. ئۇ تۇۋاقنى ئېچىپ چۆپنى قايناۋاتقان سۇغا سالغاچ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «بۇ بىزنىڭ يېڭى ئۆيىمىز، مەن ناھايىتى ياقتۇرىمەن».

مەبۇدىخان ۋە ئۇنىڭ ئېرى ئەخمەتنىياز تۇرسۇن كۆچەت يېتىشتۈرۈش مەيدانىدىكى ئىككى ياتاق، بىر مېھمانخانىلىق بىر يۈرۈش ئۆيدە تۇرىدۇ. ئۇلار يەكەن ناھىيەسىنىڭ چارباغ يېزىسى توكەت كەنتىدىن، 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، كۆچەت يېتىشتۈرۈش مەيدانىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

مەبۇدىخاننىڭ يېڭى ئۆيى پاكىز، رەتلىك بېزەلگەن بولۇپ، دېرىزە تەكچىسىدىكى لۈلو بىلەن كەترەن گۈلى ناھايىتى چىرايلىق ئۆسكەنىدى، باھار نۇرىغا چۆمۈلگەن قىپقىزىل نەرگىز گۈللىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى. مېھمانخانىدىكى ئەينەك چاي ئۈستىلى سۈرتۈپ پارقىرىتىۋېتىلگەنىدى، توك قازان، تېلېۋىزور قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەل ئىدى. مەبۇدىخانغا ئوخشاش كۆچەت يېتىشتۈرۈش مەيدانىغا بېرىپ ئىشلەيدىغان ئەر - خوتۇن ئىشلەمچىدىن 80 نەچچىسى بار بولۇپ، يېقىندا ھەربىر جۈپ ئەر - خوتۇننىڭ ھەممىسى «يېڭى ئۆي»گە كۆچۈپ كىردى.

« قازان - قومۇچ، گۈرۈچ، ئۇن، ياغنىڭ ھەممىسىنى بىزگە تەييارلاپ بەردى، ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر قېتىم كۆكتات تارقىتىپ بېرىدۇ. قاراڭ، بۇ بىر خالتا كۆكتاتنى تېخى تۈنۈگۈنلا تارقاتتى، چىڭسەي، يوۋبەيسەي، لازا، ياڭيۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار» دېدى مەبۇدىخان خۇشال ھالدا مۇخبىرلارغا.

كۆچەت يېتىشتۈرۈش مەيدانىدىكى نۇرغۇن تەربىيەلەشنىڭ ھەممىسى ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، مەسىلەن: دەرەخ سورتىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش، قانداق پۇتاش دېگەندەك. مەبۇدىخان كۆچەت تىكىشتە شۇنچە كۆپ بىلىم بارلىقىنى بىرىنچى قېتىم بىلدى، مۇئەللىمىگە ئەگىشىپ، ئۇ ئۇلانغان ۋە ئۇلانمىغان ئالما دەرىخىنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋالدى.

مەبۇدىخاننىڭ ئېرى ئەخمەتنىياز تىراكتور ھەيدەشنى بىلگەچكە، تىراكتور بىلەن تېرىقچىلىق قىلىش بەنىگە تەقسىم قىلىنغان بولۇپ، بۇ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان رېمونتچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋاتاتتى. «تېخنىكا ئۆگىنىۋالسام، قايتقاندىن كېيىن رېمونتخانا ئاچالايمەن» دېدى ئەخمەتنىياز.

مەبۇدىخاننىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرىدىغان ئامىنە ئەخەت ئەر - خوتۇنمۇ يەكەندىن كەلگەن بولۇپ، ئىككى ئائىلە ناھايىتى تېزلا ياخشى قوشنىلاردىن بولۇپ قالدى. ئامىنە ئەر - خوتۇننىڭ كۆچەت يېتىشتۈرۈش مەيدانىدا ئىشلەۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇ مەبۇدىخانغا بۇ بىر يىلدا ئائىلىسىنىڭ كۈندىلىك چىقىمىنى چىقىرىۋەتكەندە 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل يىغقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بۇ، مەبۇدىخاننى كەلگۈسى كۈنلەرگە نىسبەتەن ئارزۇ - ئىستەكلەرگە تولدۇردى: «ئېرىم ئىككىمىز ياخشى ئىشلەپ، كۆپ پۇل تاپىمىز، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە ئامانەت پۇل قويىمىز».

«مەن تېخنىكىنى ياخشى ئۆگىنىمەن»

3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى بىر كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، مەمەتئېلى مەخمۇت ئۇستىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىر دۆۋە ئاق قەغەزنى باسما ماشىنىسىنىڭ يېنىغا يۆتكەپ، ئاندىن تەلەپ بويىچە باسما ماشىنىسىدىكى مۇناسىپ ئورۇنغا قويدى.

مەمەتئېلى گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇكۇيلا يېزىسى تۆۋەنمەھەللە كەنتىدىن، 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى بۇ كارخانىغا كېلىپ خىزمەت قىلدى. «يولدا كېلىۋاتقاندا نەدە تۇرۇشۇمدىن، نېمە ئىش قىلىشىمدىن ئەنسىرىگەنىدىم، بۇ يەرگە كەلگەندە زاۋۇتنىڭ ياتاقنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىنى، يوتقان - كۆرپە، كىرلىك، يۇيۇش - چايقاش بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تولۇقلۇقىنى، تاماق سايمانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭىدىن سېتىۋېلىنغانلىقىنى كۆردۈم.» مەمەتئېلى مۇنداق دېدى: بۇلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم، يەنە يان تېلېفونۇمدا سۈرەتكە تارتىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن ئورتاقلاشتىم.

مەمەتئېلىنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، زاۋۇتقا يېڭىدىن كىرگەن بۇ بىر تۈركۈم ئىشچىلارغا قارىتا، شىركەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، كۈندىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرغاندىن سىرت، يەنە بىر پېشقەدەم ئىشچى - خىزمەتچى ئۈچ يېڭى ئىشچى - خىزمەتچىنى يېتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تېخنىكىلىق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپتۇ، پېشقەدەم ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇلارغا ئۈسكۈنىلەرنى پىششىق بىلىشنى قولمۇقول ئۆگىتىپتۇ. ھازىر، ئۇ بىر قىسىم ئاددىي تېخنىكىلىق مەشغۇلاتلارنى ئۆگىنىۋاپتۇ.

مەمەتئېلى ئۆزىنىڭ بۇ خىزمەتنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، تېخنىكىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى