تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى): «تۈر ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئىلگىرىلەش ئوڭۇشلۇق بولدى، بىز قۇرۇلۇش ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈپ، قۇرۇلۇشنى تېزلىتىپ، بۇ يىل قاتناش باشلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن S20 ۋۇگۇڭتەي-قاراماي 1-دەرىجىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ئۆزگەرتىش تۈرىنىڭ قوماندانى لۇ شىن تېلېفوندا.
ۋۇگۇڭتەي-قاراماي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى 2-بۆلىكىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، ئىشچىلار ئەسلى يولدىكى ئەسلىھەلەرنى چۇۋۇدى. بۇ بۆلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 82.3 كىلومېتىر بولۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن بۆلەك ھېسابلىنىدۇ. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، بۇ بۆلەكنىڭ جەنۇبى بۆلىكىدە قاتناش باشلاندى، بۇ يىلقى قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شىمالى يولغا يۆتكەلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يول ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، پۈتۈن لىنىيە بويىچە توققۇز ئۆتۈشمە كۆۋرۈك تەسىس قىلىنغان ھەمدە ئەسلىدىكى 48 تەكشىلىك كېسىشمە يولى ئېغىزىنىڭ ھەممىسى ئاجرالما شەكلىدىكى ئۆتۈشمە كۆۋرۈككە ئۆزگەرتىلگەن، بۇنداق بولغاندا يول قاتناش بىخەتەرلىكى ھادىسىسى زور دەرىجىدە ئازىيىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن لىنىيەدە پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتە يۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قوشۇمچە يول ياسىلىپ، مەخسۇس دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ يۈرۈشىگە تەمىنلىنىدىكەن.
«بۇ تۈردە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن قارامايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈرۈمچى-كۇيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، كۇيتۈن-قاراماي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى 70 كىلومېتىر قىسقىراپ، بىر سائەتكە يېقىن ۋاقىتنى تېجىگىلى بولىدۇ» دېدى لۇ شىن.