تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

​يېڭىسار كەنتىدىكى يېشىللىق

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ فۇجۈن خەۋىرى، فوتوسى): باھار كېلىپ، جانلىقلار ئۇيقۇدىن ئويغاندى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى يېڭىسار كەنتىدىكى كۆكتات بازىسىغا كىرىپ كەلگىنىڭىزدە، ياپيېشىل كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. ھەممە جاي ياپيېشىل كۆرۈنەتتى، پارنىكتا كەنت ئاھالىلىرى ئورۇش، جىڭلاش، كۆكتاتلارنى ئوراپ-قاچىلاشتەك ئالدىراشلىق مەنزىرىسى ئەكس ئېتەتتى.

  يېڭىسار كەنتىدىكى كۆكتات بازىسىدا جەمئىي 54 پارنىك بار بولۇپ، يېڭىسار كەنتىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى. تۇرپان شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى يېڭىسار كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ كەنتكە كەلگەندىن بۇيان «باشلامچى تېرىقچىلىق ئائىلىسى+كادىرلار ياردەم بېرىپ يۆلەش+نامرات ئائىلە+بازا»دىن ئىبارەت باشقۇرۇش تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللانغان.

  يۇقۇم مەزگىلىدە، خىزمەت ئەترىتى ئامال قىلىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورگانىك ئوغۇت سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى پارنىكقا بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا ماسلاشتۇردى، پارنىكتىكى چىڭسەي، لازا، يازلىق بەسەي قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى