تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ خۇڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ لۇڭ خەۋەر قىلىدۇ): «مەن، ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىنىڭ بۈگۈن ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىنى جاكارلايمەن.» 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسى 2020-يىلى ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ ناھىيەنىڭ بۇ يىل ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.
بۇ يىل ئەتىيازدا، توقسۇ ناھىيەسى ئۆلكە يولى، دۆلەت يولى لىنىيەسى ۋە قاقاس ساھىللارنى بويلاپ 20 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە كۆچەپ تىكىپ ئورمان بىنا قىلىدۇ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدۇ.
3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى. بەشئېرىق بازىرى تۆۋەنكى بەشئېرىق كەنتىدە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 200دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. كەنت ئاھالىسى ئابدۇرۇسۇل ساۋۇت مۇنداق دېدى: «ھەر يىللىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىمەن، كۆچەت تىكىش ياخشى ئىش، بوراندىن مۇداپىئەلەنگىلى يەنە يۇرت-ماكاننى گۈزەللەشتۈرگىلى بولىدۇ.»
مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە ۋىلايەت بويىچە كۆچەت تىكىش كۆلىمى 14 مىڭ مودىن ئاشقان.