تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چاغانتوقاي ناھىيەسى نامرات ئاھالىلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر لى مىڭشېڭ، جاڭ لەن خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، جاڭ يىڭدۇڭ ئەتىگەندىلا جېڭىس يېزىسىنىڭ كەنت، گۇرۇپپا يول قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، باشقا ئىشچىلار بىلەن بىللە سىم تارتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بىر كۈندە 200 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىش ئۇنى ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال قىلدى.

    جاڭ يىڭدۇڭ قۇرۇش قىلىشقا قاتناشقان يول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1.5 كىلومېتىر بولۇپ، 570 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

  يېقىندا، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى بىر تۈركۈم قۇرۇلۇش تۈرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلاندى، چاغانتوقاي ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپتىن ئالدى بىلەن يەرلىكتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىن ئويلىشىشنى، جاڭ يىڭدۇڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن كەنت ئاھالىسىنى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

  جاڭ يىڭدۇڭ جېڭىس يېزىسى جېڭىس كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا، كەنتتە يەنە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئىككى نامرات ئاھالە بۇ يەردە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  «ھازىر سىياسەت ياخشى، ئۆي، قوتان سالساق تولۇقلىما بار، ھۆكۈمەت نامراتلارنى يۆلەش كالىسى تارقىتىپ بەردى، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بەردى. ھازىر مەن ئىشىك ئالدىدىلا ئىشلەيمەن، 20 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىتتا 4000 يۈەن كىرىم قىلالايمەن، بۇ نېمە دېگەن ياخشى ئىش. مەن كۈنلىرىمنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىمەن» دېدى جاڭ يىڭدۇڭ.

  بۇ ئىككى يىلدا، جېڭىس يېزىسىى سۇ، توك، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە نامراتلارنى يۆلەش كەسىپ تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى