تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەھرىمانلار قايتىپ كەلدى! شىنجاڭدىن خۇبېيغا ياردەمگە بارغان داۋالاش ئەترىتىدىكى 142 تېببىي خادىم ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز كاڭ خاۋيەن، جاڭ ۋەندې فوتوسى، خەۋىرى ): ئايروپىلان بۆلۈمچىسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلغان شۇ دەقىقىدە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىدا «قەھرىمانلارنىڭ ئۆيگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز» دېگەن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. 3-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 16دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ 142 ئەزاسى يۇقۇمغا قارشى جەڭ ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ UQ3588 ھۆددە ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ قايتىپ كەلدى.

  1-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ تىببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئاساس گەۋدە قىلىنىپ،  2-دوختۇرخانا، ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى، جۇڭيى دوختۇرخانىسى، 5-دوختۇرخانا ۋە 6- دوختۇرخانىدىن 24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا 142 خادىم ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش ئەترىتى بولۇپ تەشكىللىنىپ ۋۇخەنگە ئاتلاندى. ئۇلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى نۇقتىلىق قۇتقۇزۇپ، داۋالايدىغان ۋۇخەن داشۆ قارىمىقىدىكى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىي دوختۇرخانىسىدا ئىككى ئايغا يېقىن داۋالاش خىزمىتى قانات يايدۇرۇپ، 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بارلىق ئەزالار شىنجاڭ ئۈرۈمچىگە ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلدى.

  يېقىندا، بۇ داۋالاش ئەترىتى «شىنجاڭ ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش ئەترىتى» سۈپىتىدە «مەملىكەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق سىستېمىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تېزگىنلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» دېگەن نامغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە جياڭ داۋبىن، ياڭ جيەنجۇڭ، يۈەن يۈەن «مەملىكەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق سىستېمىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس» دېگەن نامغا ئېرىشتى، داۋالاش ئەترىتى شان-شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى.

   بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە، شىنجاڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت داۋالاش ئەترىتى (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جەمئىي 509 ئادەمنى خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى. 3-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭ پەرۋىش ئەترىتىدىكى 102 خادىم ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى داۋالاش ئەترىتىدىكى 107 خادىم ۋۇخەن فاڭساڭ دوختۇرخانىسى بىلەن خوشلىشىپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى