تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەز سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھى، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولۇش تەدبىرى، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ھەرىكىتى ئارقىلىق تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى سۈن جىنلۇڭ «2019 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئامانلىق بەرپا قىلىش بويىچە نام بېرىش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇپ ئۆتتى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ بۇ يىللىق سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم سىياسىي - قانۇن خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى، مۇھىم يوليورۇق، تەستىق بەردى، بىزنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەز سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى كۈچەيتىپ، سىجىل ھالدا قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

چېن چۈەنگو پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي - قانۇن سېپىدىكىلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىمىيلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى، شەھەر رايونىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشىنى، سىياسىي - قانۇن ساھەسىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سىياسىي - قانۇن قوشۇنى قۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەر سىياسىي مۇھىت، مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتى، ئادىل قانۇنچىل مۇھىت، ئەلا مۇلازىمەت مۇھىتى يارىتىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت بىخەتەرلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى ئالاھىدىلىكلەرنى توغرا ئىگىلەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك سىياسىي بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرى يوشۇرۇن خەۋپىنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۈرگۈزۈشكە بولىدىغان ئۈنۈملۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، تىنچ، تەرتىپلىك، ئىناق، مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك يارىتىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي دىنلارنىڭ ئېجىللىقى، ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا غەمخورلۇق قىلىش، ئۇلارنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

بەشىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر رايونىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى، زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ تۈگىتىش، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي سىياسىي - قانۇن ساھەسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سىياسىي - قانۇن ئاپپاراتى فۇنكسىيە سىستېمىسىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقى نازارەتچىلىكى ۋە قانۇن نازارەتچىلىكى مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەۋا تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي - قانۇن ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسى قۇرۇلۇشىنى تەتبىقلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي - قانۇن ساھەسىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولۇپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى نىزامى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر جاينىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، بىر جاينىڭ ئامانلىقىنى ساقلاشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتلىرى سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسىي - قانۇن خىزمەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىللىشى، تۈرتكە بولۇشى؛ سىياسىي - قانۇن ئورۇنلىرىدىكى ھەرقايسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى (پارتىيە كومىتېتلىرى) سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاق كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. سىياسىي، ئىستىل، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان، تايىنىدىغان، خاتىرجەم بولىدىغان بىر سىياسىي - قانۇن قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك. ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەشۋىقات مەزمۇنىنى بېيىتىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي - قانۇن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك.

ۋاڭ جۈنجېڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىللىقى، ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسىي - قانۇن ساھەسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي - قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئەزالىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى ۋە ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.