تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچتە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگودا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، سىز جۇڭگو تەرەپتىن ھال سورايدىغانلىقىڭىز ۋە قوللايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ھەر ساھە بەس - بەستە ياردەم قولىنى سۇندى، جۇڭگو خەلقى بۇنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ. نۆۋەتتە گېرمانىيە يۇقۇمنىڭ كەسكىن خىرىسىغا دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو خەلقىمۇ ئوخشاش ھېسسىياتتا. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە داۋاملىق ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى سىن ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇردى، گېرمانىيە مۇتەخەسسىسلىرىمۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىلەن بىللە جۇڭگوغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە داۋالاش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ۋاكسىنا ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتى ھەمدە يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. سىزنىڭ گېرمانىيە خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، يۇقۇمنى بالدۇرراق يېڭىشىڭلارغا تىلەكداشمەن!

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ۋىرۇسنىڭ دۆلەت چېگراسى بولمايدۇ، بۇ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس. ھەرقانداق دۆلەت ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئۆزىنىلا ئويلاپ باشقىلار بىلەن كارى بولمىسا بولمايدۇ. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، جۇڭگو - گېرمانىيە، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئاكتىپ كۈچنى جارى قىلدۇردى. 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ساداسىنى ياڭرىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇشنى خالايدۇ. ھازىر ۋە كەلگۈسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، دۆلەت ئىچى ئېففېكتى بىلەن يەر شارىۋى تەسىرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئېشىشنى ساقلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، بازارنى ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يەر شارىۋى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئوچۇق، مۇقىم، بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - گېرمانىيە ئىككى تەرەپ مۇھىم سىياسىي قارالمىلارنى پىلانلاشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - گېرمانىيە، جۇڭگو - ياۋروپا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، يۇقۇمنىڭ زەربىسىنى ئازايتىشى كېرەك.

مېركىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر ياۋروپادا يۇقۇم ۋەزىيىتى جىددىي بولۇۋاتىدۇ، گېرمانىيە تەرەپ كەسكىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللانماقتا. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ۋاقتىدا قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا، دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردىكى پەن تەتقىقات ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۈلگە تىكلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ. گېرمانىيە تەرەپ ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ھازىرقى كىرىزىسنى يېڭىش، يەر شارىۋى ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتا باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. گېرمانىيە تەرەپ يۇقۇمدىن كېيىن جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان گېرمانىيە - جۇڭگو، ياۋروپا - جۇڭگو مۇھىم ئالاقە، ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.