تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

«پارتلىتىش ئۇستىسى» يۈ خۇاخۇ

يۈ خۇاخۇنىڭ سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاڭ ۋۇيۆ) مىنا ئۇرۇشى تاكتىكىسىدىن 30 نەچچىنى ئىجاد قىلغان، 300 قېتىمدىن ئارتۇق جەڭگە قاتناشقان، 171 دۈشمەننى ئۆلتۈرگەن، يارىلاندۇرغان... جياۋدۇڭدىكى «پارتلىتىش ئۇستىسى» يۈ خۇاخۇنىڭ قەھرىمانلىق ھېكايىسى «مىنا ئۇرۇشى» ناملىق رومان ۋە كىنو ئەسىرى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىگە تونۇلغان.

يۈ خۇاخۇ، 1914 - يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسى خەيياڭ ناھىيەسىدىكى ۋېنشەنخوۋ كەنتىدە تۇغۇلغان، 1940 - يىلى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان، 1944 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئۇ يۇرتىدا خەلق ئەسكەرلىرىنى يېتەكلەپ، ئۆزى ياسىغان دەسسىمە مىنا، قىلتاق مىنا، چاتما مىنا، قىسقۇچ مىنا، مىخ مىنا، مېيخۇا مىنا قاتارلىق 20 نەچچە خىل مىنانى ئاساسلىق قورال قىلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا كۈچلۈك زەربە بېرىپ، جياۋدۇڭنى زىلزىلىگە سالغان.

1943 - يىلى 5 - ئايدا، ياپون قورچاق ئارمىيەسىنىڭ 100دىن ئارتۇق ئادىمى ۋېنشەنخوۋ كەنتىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان، ئەينى چاغدىكى خەلق ئەسكەرلىرى ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان يۈ خۇاخۇ پارتلىتىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، كەنتنىڭ ئەتراپىغا 70تىن ئارتۇق تاش تارتما مىنا ۋە قىلتاق مىنا كۆمۈپ، ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ياپون ئارمىيەسىنىڭ 17 ئادىمىنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەن، يارىلاندۇرغان. نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇ يەنە خەلق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كەنتنىڭ ئەتراپىغا ئۆزى ياسىغان 100 نەچچە مىنانى كۆمۈپ، دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇپ مىنا رايونىغا باشلاپ كىرىپ، دۈشمەننىڭ 70 نەچچە ئادىمىنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەن، يارىلاندۇرغان.

1944 - يىلى ئەتىيازدا، چىڭداۋدا تۇرۇشلۇق ياپونىيە ئارمىيەسى پېنزىشەن تېغى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بازىسىغا قارىتا چوڭ تازىلاش ئېلىپ بارغان. يۈ خۇاخۇ خەلق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كەنتنىڭ غەربىدىكى يېخۇشەن تېغىغا 20 نەچچە ھەمراھ مىنا كۆمۈپ، ياپونىيە قورچاق ئارمىيەسىنىڭ 40 نەچچە ئادىمىنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەن، يارىلاندۇرغان. كارامىتى چاغلىق ياپونىيە ئارمىيەسى چىڭداۋدىن قۇرۇلۇش ئەسكىرى ۋە مىنا چارلاش ئەسۋابى يۆتكەپ كەلگەن. يۈ خۇاخۇ ۋە خەلق ئەسكەرلىرى تىغمۇتىغ ئېلىشىپ، قىسقۇچ مىنا، چاچ مىنا ۋە مېيخۇا مىنا قاتارلىق تازىلاشتىن مۇداپىئەلىنىش مىناسىنى ياسىغان. شۇ يىلى يازدا، يۈ خۇاخۇ 25 جىڭ ئېغىرلىقتىكى تۆت چوڭ مىنانى ئېلىپ، دۈشمەننىڭ تايانچ پونكىتىغا يوشۇرۇن كىرىپ، ياپونىيە ئەسكەرلىرى يىغىلىپ يوقلىما قىلىدىغان جايغا كۆمۈپ قويغان. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ياپونىيە ئەسكەرلىرى مەشىققە چىققاندا، مىناغا دەسسەپ 30 نەچچە ئادىمى پارتلاپ ئۆلگەن، يارىلانغان.

1945 - يىلى يازنىڭ بىر كۈنى، ياپونىيە قورچاق ئارمىيەسى 400دىن ئارتۇق ئادەمنى يىغىپ، ئەتراپتىكى كەنتلەردە تازىلاش ئېلىپ بارغان. يۈ خۇاخۇ خەلق ئەسكەرلىرىنى تەشكىللەپ، ياسىنىپ دۈشمەننىڭ ئىچكى قىسمىغا سۇقۇنۇپ كىرىپ، قورچاق ئارمىيەنىڭ 14 ئەسكىرىنى تىرىك تۇتقان ھەم قورچاق ئارمىيەنىڭ فورمىسىنى كىيىپ كەنتكە كىرىپ مىنا ئورۇنلاشتۇرغان. ئارقىدىن ئۇلار كەنتتىن چېكىنىپ چىقىپ، ئوق چىقىرىپ دۈشمەننى قارماققا ئىلىندۇرغان. دۈشمەنلەر قالايمىقانچىلىقتا ئۆزئارا ئېتىشىشقان، مىنالار ھەممە يەردە پارتلىغان، 47 ئادەم ئۆلگەن، يارىلانغان. خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ مىنا ئۇرۇشىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ، خەيياڭ ناھىيەسىنى ساقلاۋاتقان ياپونىيە ئارمىيەسى تايانچ پونكىت ئىچىدە قامىلىپ قېلىپ، «مىنا كۆلچىكى»دىن بىر قەدەممۇ ئاتلاشقا پېتىنالمىغان، پەقەت چىڭداۋدىكى ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىدە خەيياڭدىن قېچىپ چىققان.

يۈ خۇاخۇ ۋە ئۇنىڭ خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ مىنا ئۇرۇشى جياۋدۇڭ ئەتراپىدا ناھايىتى نام - شۆھرەت قازانغان، ياپونىيە قورچاق ئارمىيەسى مىنانى ئاڭلىسىلا چىرايى تاتىرىپ كېتىدىغان بولغان. 1944 - يىلى 10 - ئايدا، يۈ خۇاخۇ قاتارلىق بەش كىشى جياۋدۇڭ ھەربىي رايونىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن يەنۋېي لىنىيەسىگە بېرىپ، خەلق ئەسكەرلىرى تايانچلىرىغا مىنا ياساش، مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەتكەن، تۆت ئايدىن ئارتۇق مىنا ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرغان.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندا، يۈ خۇاخۇ ئۆز قولى بىلەن پارتلىتىش نەمۇنىچىسىدىن 20 نەچچىنى تەربىيەلەپ چىققان، بەش خىلدىن ئارتۇق مىنا پارتلىتىشنى بىلىدىغان ماھىر 1400دىن ئارتۇق ئادەمگە يەتكەن. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان بەش يىل ۋاقىت ئىچىدە، يۈ خۇاخۇ مىنا بىلەن ياپونىيە قورچاق ئارمىيەسىنىڭ 171 ئادىمىنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەن، يارىلاندۇرغان، مىنا ياساش، مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ نامىمۇ جياۋدۇڭ رايونىغا تارقالغان. 1945 - يىلى، يۈ خۇاخۇ «جياۋدۇڭ خەلق ئەسكەرلىرى قەھرىمانى» دەپ باھالانغان، جياۋدۇڭ ھەربىي رايونى ئۇنىڭغا «پارتلىتىش ئۇستىسى» دەپ قەھرىمانلىق نامى بەرگەن.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يۈ خۇاخۇ خەلق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1946 - يىلى ئەتىيازدا، خەيياڭ ناھىيەلىك قوراللىق بۆلۈم ئۈچ خەلق ئەسكەرلىرى ليەنىنى ئاجرىتىپ، ناھىيەلىك پەرزەنت ئەسكەرلەر بىڭتۇەنىنىڭ بىر يىڭىنى تەشكىللىگەن، يۈ خۇاخۇ يىڭجاڭ بولغان. ئۇ قىسىمنى باشلاپ جىمو، لاۋشەن ئەتراپىغا بېرىپ شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ يېڭى ئازاد رايون ئاچقان. بىر قېتىم، 600 نەچچە دۈشمەن ئەسكىرى لاۋشەندىن چىقىپ بۇلاڭچىلىق قىلغان، يۈ خۇاخۇ خەلق ئەسكەرلىرى يىڭىنى باشلاپ يوشۇرۇنۇپ زەربە بېرىپ، تۇتۇلۇپ قالغان 100دىن ئارتۇق ئاممىنى قۇتقۇزۇپ چىققان، 30 نەچچە دۈشمەننى ئەسىرگە ئالغان، بىر تۈركۈم قورال - ياراغ، ئوق - دورىنى ئولجا ئالغان.

1949 - يىلى، يۈ خۇاخۇ تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن يۇرتى ۋېنشەنخوۋ كەنتىگە قايتىپ كېلىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. «دادام بىر ئۆمۈر ئىشچان ئۆتكەن، ئەمگەكنى سۆيەتتى، ئۆزى باشلامچى بولۇپ ئىش قىلىشنى ياقتۇراتتى. ئۇنىڭ، قەمەرىيە 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنىگىچە ئىشلەپ، جياۋزىنى يەپ بولۇپلا تۇتۇش قىلىش دېگەن داڭلىق سۆزى بار» دېدى ئوغلى يۈ يۇڭجوۋ.

ۋېنشەنخوۋ كەنتى ئېدىرلىق بولۇپ، سۇ كەمچىل بەلباغقا جايلاشقان، يۈ خۇاخۇ يۇرتداشلىرىنى باشلاپ نۇرغۇن كۆلچەك ۋە ئېرىق قازغان. كوللېكتىپنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يۈ خۇاخۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كەنتتە خۇمدان، توخۇ فېرمىسى، پىنتوزىخانا، چارۋا كۆپەيتىش پونكىتى قاتارلىقلارنى قۇرغان، يۇرتداشلىرىنى باشلاپ ياخشى كۈن كەچۈرگەن.

2004 - يىلى، يۈ خۇاخۇ ۋاپات بولدى، ئەمما ئۇ ۋە ئۇنىڭ مىنا ئۇرۇشىغا ئائىت قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ئىزچىل تارقىلىپ كەلمەكتە. 2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، شەندۇڭ خەيياڭ مىنا ئۇرۇشى پارتىيەۋىلىك تەربىيە بازىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بازىدا شۇ جايدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلقنىڭ قان كېچىپ كۈرەش قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن دۈشمەننى ئۆلتۈرۈشتەك قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ھەمدە شۇجايدىكى خەلقنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، جان پىدالىق بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى نامايان قىلىنىپ، كېيىنكىلەرنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلىشى، ئېھتىرام بىلدۈرۈشى ئۈچۈن تەمىنلەندى. شۇ جايدا يەنە «پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى» «مىنا ئۇرۇشى روھى مەڭگۈ نۇر چاچىدۇ» «مەشئەل يەتكۈزۈپ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق» قاتارلىق سەككىز مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىقات فىلىمى سۈرەتكە ئېلىندى، 300 نەچچە مىڭ خەتلىك «خەيياڭ مىنا ئۇرۇشى» دېگەن رەسىملىك كىتاب نەشر قىلىندى، ھەمدە نۇرغۇن «مىنا ئۇرۇشى» باش تېمىلىق مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى لايىھەلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى