تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋۇسەيۋەن «ئاقىل ئېلېكتىر ئىستانسىسى» تىرىشىپ 6 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر شى لىن خەۋەر قىلىدۇ: «نۆۋەتتە، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى ۋۇسەيۋەن شىمالىي 2 - ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 660×2 مىڭ كىلوۋاتلىق تۈرىنىڭ 2 - نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى پار روتورىنى قۇراشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاخىرقى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى.» 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لىن خۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2 - نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرى 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى رەسمىي ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى ئالدىغا سۈرۈپ، ئىلگىرىلەش دەرىجىسىنى تېزلىتىپ، 6 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا.

ۋۇسەيۋەن شىمالىي 2 - ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 2 - يولىنىڭ يانداش ئېلېكتىر مەنبەسى قۇرۇلۇشىغا تەۋە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە باشقۇرۇشتىكى ئاقىللاشقان ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى، نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىزى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىر كۇنۇپكا بىلەن قوزغىتىش - توختىتىش (APS) قاتارلىق زامانىۋى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، يۈرۈشتۈرۈش، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، بىخەتەرلىك، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق بۆلەكلەرنى ئەقلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر، مۇھىت ئاسرايدىغان «ئاقىل ئېلېكتىر ئىستانسىسى» بەرپا قىلىنىدۇ. بۇ تۈرگە جەمئىي 4 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، پۈتكەندىن كېيىن يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 6 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بازىسىنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەرلىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەردە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتتى. 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 2 - يولىنىڭ يانداش يېڭى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى مورى 300 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرىدە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ھازىر نەق مەيداندا قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، 11 - ئاينىڭ ئاخىرىدا تولۇق سىغىمدا تورلاشتۇرۇش پىلانلاندى. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتىگە قاراشلىق مورى گويۈەن تيەنلى لاۋجۈنمياۋ شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى، مورى لاۋجۈنمياۋ جەنۇبىي يىغىلىش پونكىتى، توقسۇن يۈەنشىن شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈر ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر قۇرۇلۇش قىلىش، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى