تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تۆمۈريولى «ئۈچ يىللىق يېشىل كارىدور قۇرۇلۇشى»نى ئالغا سىلجىتىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ تۆمۈريولى ئۈچ يىللىق يېشىل كارىدور قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۆمۈريول لىنىيەسىدە كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، يېشىل كارىدور ئارقىلىق تۆمۈريولنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىدىكى لىنىيە 6839 كىلومېتىرغا يەتتى، ئەمما %80تىن كۆپرەك لىنىيە چۆل - باياۋان، ئېگىزلىك، سوغۇق ۋە شورلۇق يەرلەرگە جايلاشقان. بوران، قۇم، سۇ ئاپىتى تۆمۈريول تىرانسپورتى چوڭ تومۇرىنىڭ راۋانلىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن.

تۆمۈريولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئىھاتە ئورمىنى تىككەندە تۆمۈريولنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، زىيانغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. 2000 - يىلىلا شىنجاڭ تۆمۈريولى «مىڭ چاقىرىملىق يېشىل كارىدور» قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرغان. بۇ يىل، شىنجاڭ تۆمۈريولى يېشىل كارىدور قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تۆمۈريول لىنىيەسىنى يېشىللاشتۇرۇشنى پىلانلىدى.

شىنجاڭ تۆمۈريولى 2000 - يىلىدىن بۇيان تىكىلگەن 1300 گېكتار، 483 كىلومېتىر كۆكەرتىش ئورمىنىنى تېمىتىپ سۇغىرىش - پاكىزلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتى ئېشىپ كېتىش، كۆكەرتىش قۇدۇقى سۇ ئورنى تۆۋەنلەپ كېتىش، كۆكەرتىش تۇرۇبا تورى ۋە سۇ تارتىش ئۈسكۈنىلىرى كونىراپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، پائال مەبلەغ غەملەپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ئىش تەقسىماتى بويىچە رېمونت قىلىش ۋە تۈزەشكە تەشكىللەپ، ئەسلىدىكى كۆكەرتىش ئورمىنىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان كۆكەرتىش ئورمان تۈرىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ تۆمۈريولى نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇم ئاپىتى يۈزبېرىدىغان جايلاردا شورغا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئىھاتە ئورمىنى بەرپا قىلىپ، سۇ مەنبەسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوت - چۆپكە، ئورمانغا باب كېلىش پىرىنسىپى بويىچە تەجرىبە قىلىشقا تەشكىللىدى؛ ھازىر بار بولغان سۇ مەنبەسىدىن پايدىلىنىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، سۇ مەنبەسى بار بېكەتنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىھاتە ئورمىنى تىكىشكە تەشكىللەپ، يېڭى قۇدۇق قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، سۇغىرىش شارائىتى يېتەرلىك بولمىغان بۆلەكلەردە ئىلغار سۇغىرىش تېخنىكىسىنى سىناپ قوللىنىپ، كۆچەت تىكىش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

«شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ گېئولوگىيەلىك شارائىتى مۇرەككەپ، بىز تارماق رايونغا بۆلۈپ سىناق قىلىش ئارقىلىق، تەدرىجىي تەجرىبە توپلاپ، يېشىل كارىدورنى باياۋاندا يىلتىز تارتقۇزىمىز» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كۆكەرتىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما يۈلۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بىزگە تونۇش ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى...
  • توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش
  • خوتەندىكى كەچلىك بازارلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى