3-ئاينىڭ 25-كۈنى، چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ يېمەك-ئىچمەك رايونىدا، ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى نەق پۇل بېلىتى بىلەن يېمەك-ئىچمەك سېتىۋالماقتا.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ما تىڭ، چېن يەن فوتوسى، خەۋىرى): خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ يېمەك-ئىچمەك رايونىدا شىنجاڭنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىنى تېتىپ كۆرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، پائالىيەت 3-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە داۋاملاشتى.
3-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى ليۇ ۋەنيۆنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەردە ھەر كۈنى چۈشتە شىنجاڭنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىكلىرىنى ھەقسىز تېتىسا بولىدىكەن، پائالىيەتكە قاتنىشىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر 300 يۈەنلىك تاماق بېلىتى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن يېرىم ئايدىن بۇيان، بېزەك ئاپتوموبىلىدىن دۇكانلارغىچە، ئاشخانىدىن يېمەك-ئىچمەك رايونىغىچە، قاچىلاپ ئېلىپ كېتىشتىن پىيادىلەر كوچىسىدا ئولتۇرۇپ يېيىشكىچە... نەچچە يۈز خىل شىنجاڭنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ساياھەتچىلەرنىڭ تېتىپ بېقىشغا تەييارلانغان.
مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش قەھرىمانلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى تىيانشان رايونلۇق شەھەر تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە «يۇقۇم كېتىپ باھار كەلدى، ئىككىنچى پەسىلگە مىننەتدارلىق بىلدۈرەيلى» تېمىسىدا پائالىيەت قانات يايدۇرۇپ، تاماق توشۇغۇچىلار، شەھەر مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى، ئولتۇراق رايون ئامانلىق خادىملىرى، ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى، تاكسى شوپۇرلىرى قاتارلىق بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەرگە نەق پۇل بېلىتىنى ھەقسىز تارقاتقان، ئىستېمالنىڭ تۆۋەن چېكى يوق بولۇپ، بىر نەچچە بېلەتنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. بۇ بېلەتنى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن، چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا ئىشلەتسە بولىدىكەن.
يېقىندا، چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ يېمەك-ئىچمەك رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېمەك-ئىچمەكلەرنى تېتىش پائالىيىتىدىن باشقا يەنە، 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ مەركىزى سەھنىسىدە مول، رەڭگارەڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سەنئەت نومۇرلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر كۈنى چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن ئىككى مەيداندىن ئۈچ مەيدانغىچە سەنئەت نومۇرى قويۇلغان، بۇ نومۇرلار ئۇسسۇل، سېرك، سېھرىگەرلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.