تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

موماي ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتتى، ياردەمچى ساقچى مۇزدەك سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ قۇتقۇزدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ليۇ شىنساۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر خەيرىگۈل تۇرسۇن فوتوسى، خەۋىرى): يېقىندا، كورلا شەھىرىدىكى 60 ياشلىق بىر موماي ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەن، موماي تېز ئېقىنىدا توختىماي دومىلاپ ئاققان، كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چارباغ ساقچىخانىسى مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ، ئۆستەڭدىكى مۇزدەك سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ موماينى قۇتقۇزۇۋالغان.

  3-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چارباغ ساقچىخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 16:00 ئەتراپىدا، ساقچىخانا بىر موماينىڭ چارباغ يېزىسى تۆۋەن قوشباغ كەنتىدىكى 18-تۈەن ئۆستىڭىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكى، ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، خەلق ساقچىلىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان. خەلق ساقچىسى ۋېي شياۋنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، موماي چۈشۈپ كەتكەن ئۆستەڭ يېزا سۇغىرىش ئۆستىڭى بولۇپ، كەڭلىكى 6 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 1.5 مېتىر ئەتراپىدا ئىكەن، ئۆستەڭنىڭ سۈيى مۇزدەك سوغۇق بولۇپلا قالماي، سۈيىمۇ تېز ئاقىدىكەن، ئۆستەڭنىڭ ئىككى تەرىپىدە مۇداپىئە رېشاتكىسى بار ئىكەن.

  «بىز يېتىپ بارغاندا، موماي تېز ئېقىن سۇدا تۆۋەنگە قاراپ ئېقىۋاتاتتى، ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. بىز دەرھال ئاپتوموبىل بىلەن موماينىڭ ئالدى تەرىپىگە باردۇق ھەم مۇداپىئە رېشاتكىسىدىن ئۆتۈپ، بىر تۈز توسما ئۈستىدە تۇرۇپ، قۇتقۇزۇشقا تەييارلاندۇق» دېدى ۋېي شياۋ.

  موماينىڭ بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ياردەمچى ساقچى شى يانەن تۈز توسما ئۈستىدە تۇرۇپ ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغان، ياردەمچى ساقچى بەختىيار ئوبۇل ئارغامچىنىڭ يەنە بىر ئۇچىنى تۇتۇپ ئۆستەڭگە سەكرەپ چۈشۈپ، تېزلىك بىلەن موماينىڭ قولىنى تۇتۇۋالغان. ئېقىن سۇنىڭ سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولغاچقا، ئىككىيلەن سۇدا مۇقىم تۇرالماي قالغان، تۈز توسمىدىكى باشقا خەلق ساقچىلىرى دەرھال ياردەملەشكەن، ئاخىرى كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، موماي ئوڭۇشلۇق قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

     ئارقىدىن 120 جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى موماينى قۇتقۇزغان. ھازىر موماي خەتەردىن قۇتۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى