تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر چۆ. خورە خەۋىرى، فوتوسى): 2020 –يىلى 3- ئاينىڭ 25- كۈنى، ياۋا ئاق قۇلار بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاقنىڭ «شېنچۈەن مەنزىرە رايونى»دا ئارام ئېلىپ ئوينىماقتا. ھەر يىلى ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىش مەۋسۇمى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، نەچچە ئون مىڭ ياۋا ئاق قۇ خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بايىنبۇلاق سۇلۇق يېرىگە كېلىپ كۆپىيىدۇ، «ئاشىق-مەشۇق» ئاق قۇلار «شېرىنئاي» مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ ئاق قۇلار ھەر يىلى 3-، 4- ئايلاردا كېلىپ، 10-، 11- ئايلاردا كۆچىدۇ، تۇرۇش ۋاقتى يېرىم يىلدىن ئاشىدۇ.
خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق: «ئاشىق-مەشۇق» ئاق قۇلار «شېرىن ئاي» ئۆتكۈزمەكتە
مۇھەررىر :
克丽比努尔·艾孜木
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2020/03/31 19:29
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.