3-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولدى، شەھەر ئاھالىلىرى باغچىدا يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى، جاڭ ۋەندې فوتوسى): شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئاستا-ئاستا ئۆرلەيدۇ؛ شەرقىي شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىللىق بولىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا تۇتۇق بولىدۇ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، ئويمانلىقنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن(3-ئاينىڭ 26-كۈنى) ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃4- بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ. كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەيدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃11قا چىقىدۇ.
بۈگۈن 4~5 بال قىيپاش شەرق شامىلىنىڭ ھەمدە چاڭ-توزاننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G217 لىنىيەسى ئارال-خوتەن بۆلىكى، G218 لىنىيەسى لوپنۇر-چاقىلىق بۆلىكى، G315 لىنىيەسى گۇما-چاقىلىق بۆلىكى، يۇقىرىقى يول بويىدىكى قىسمەن جايلاردا قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، مۇداپىئە كۆرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.