تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردە 2020-يىللىق ئەتىياز مەۋسۇملۇق ئوقۇش 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن تارتىپ تۈركۈم بويىچە باشلىنىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردە 2020-يىللىق ئەتىياز مەۋسۇملۇق ئوقۇشنى 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن تارتىپ تۈركۈم بويىچە، ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ باشلاش ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ھەرقايسى مەكتەپلەر كونكرېت ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى ئۆز مەكتىپىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئوقۇتۇش تەييارلىق ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ ھەمدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىن ئۇقتۇرىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى مەكتەپلەر تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر مەكتەپكە بىر لايىھە تۈزۈپ، مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئىچكىرى جايلاردىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش باشلاش ۋاقتى ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتىنى ئەھۋالغا قاراپ كېچىكتۈرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى