تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

باھار كەلدى، گۈزەل ۋۇجياچۈ شەھىرىدە ئۇچرىشايلى

   بىر مەيدان تۇيۇقسىز يېتىپ كەلگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن بۇ قىش ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن بولدى.

   بىز شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شىسى ۋۇجياچۈدە باھارنىڭ قانچىلىك گۈزەل بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاسلا قالدۇق.

 

باھار كەلدى، بىز بىرلىكتە چىڭگىداخۇ كۆلىگە بارايلى! ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى، پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەرنى، جانلانغان كىشىلەر ئېقىمىنى كۆرەيلى.

باھار كەلدى، بىز بىرلىكتە ۋۇجياچۈ شەھەر رايونىدىكى ھەممە باغچىلارغا بېرىپ، گۈل دېڭىزىنى، بالىلارنىڭ غەم-ئەندىشىسىز ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرەيلى.

باھار كەلدى، بىز بىرلىكتە ۋۇجياچۈ بىڭخې باغچىسىغا بېرىپ، سۈزۈك سۇ، كۆكەرگەن دەرەخلەرنى، قول تۇتۇشۇپ، چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەنگەن ياش ئاشىق-مەشۇقلارنى كۆرەيلى.

باھار كەلدى، بىز بىرلىكتە ۋۇجياچۈ خەلق يولى بويىدىكى چېنىقىش، پىيادە يولىدا يۈگۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ يول بويىدا غەمسىز ئاپتاپقا قاقلىنىپ، باھار ھىدىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرەيلى.

باھار كەلدى، بىز ۋۇجياچۈ چاڭجىڭ كوچىسىنىڭ ئەڭ شەرقىدىن باشلاپ، ئەڭ غەربىگىچە قاراپ مېڭىڭ، ئاپپاراتنى ئېلىپ، ئاپتوموبىل ئېقىمى ۋە يول بويىدىكى مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتايلى.

باھار كەلدى، بىز بىرلىكتە ۋۇجياچۈدىكى مەززىلىك تائاملار كوچىسىغا بېرىپ، داپەنجى، جياۋماجى، كالا ئۇستىخىنى، كاۋاپ، لەڭمەن، سامسا، پولو، كىچىك راك يەيلى... يەنە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، خوگو، چۇەنچۇەن...

ئىشىنىمىزكى، قىش قېشىڭىزدىن ئېلىپ كەتكەن بەزى نەرسىلەرنى باھار سىزگە يەنە قايتۇرۇپ كېلىدۇ.

   قۇياش نۇرى بولمىسا، باھار كەلمىدى دەپ ئويلىماڭ؛ ماسكا تاقىدىم دەپ، كۈلۈشكە پىخسىقلىق قىلماڭ؛ ناخشا ساداسى يوق دەپ، ئارزۇيىڭىزدىن ۋاز كەچمەڭ؛ ئالقىش سادالىرى يوق دەپ، غايىڭىزنى يوقاتماڭ؛ باھارغا تۇتىشىدىغان ھەربىر يول قار-مۇز بىلەن قاپلىنىپ، ئەگرى-توقايلىققا تولغان.

  بىز بىرلىكتە گۈزەل باھاردا، گۈزەل ۋۇجياچۈ شەھىرىدە ئۇچرىشىپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنايلى.  

شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى