تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىلىرى، تايانچ پۇقراۋى كارخانىلارغا «بىرگە بىر» ياردەم بەردى، يۆلىدى

كادىرلار كارخانىلارنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشكە كۈچ قوشتى

شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىلىرى، تايانچ پۇقراۋى كارخانىلارغا «بىرگە بىر» ياردەم بەردى، يۆلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش ۋە نۇقتىلىق سانائەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق مەركەز كارخانىلىرى، تايانچ پۇقراۋى كارخانىلاردا «بىرگە بىر» ئالاقىلەشكۈچى مېخانىزمى ئورنىتىپ، 60 كادىرنى كارخانىلارنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كارخانىلاردا تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىش، ياردەم بېرىش، يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى تۈزگەن «كارخانىلاردا تۇرۇپ كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ياردەم بېرىش، يۆلەش ھەم نۇقتىلىق سانائەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش خىزمەت لايىھەسى»گە ئاساسەن، بۇ 60 كادىر 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نېفىت، نېفىت خىمىيە، كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئىستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللەنگەن كەسىپ - ساھەلەردىكى نۇقتىلىق شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىلىرى، تايانچ پۇقراۋى كارخانىلارغا كىرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش، يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئالاقىدار تارماقلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش ھەمدە بىخەتەر، تەكشى، مۇقىم يۈرۈشۈش جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ تولۇق نورمىلىق بىخەتەر، تەكشى، مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تېزلىتىش، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەردە قەرەلىدە ئىش باشلاش، زاپاس تۈرلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بۇ 60 كارخانا باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى، شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ شياڭشېڭ يېڭى ماتېرىيال پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جىخۇا 7555 خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەلەپكە ئاساسەن، 60 كارخانا ئوخشاش بولمىغان تەۋەلىك رايونغا ئايرىلىدۇ، ھەربىر تەۋەلىك رايونغا بىردىن نازارەتنىڭ رەھبىرى يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىلىرى، تايانچ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش ھەمدە نۇقتىلىق سانائەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، كارخانىلاردا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

«بىز كارخانىلارنىڭ خام ماتېرىيال تەمىناتى، قاتناش - تىرانسپورت، ئايلانما مەبلەغ قىس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ تېزدىن تولۇق نورمىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىمىز. خىزمەتچى خادىملاردىن مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نەق مەيداندا ياردەم بېرىش، يۆلەش، يېتەكلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بىرمۇبىر رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى يۈرۈشۈشنى كۆزىتىش ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گو رۈيبىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى