شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا يەر ئىشلىتىش، كان ئىشلىتىش مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي بايلىق سىياسىتى، مەبلەغ، تۈر، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە نامرات رايونلارغا مايىللىشىدىكەن ۋە قوللايدىكەن.
ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى كۆپەيتىش - ئازايتىشنى باغلاش سىياسىتىدىن داۋاملىق تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆلكە ھالقىپ تېرىلغۇ يەرنى تولۇقلاشنى دۆلەت بىرتۇتاش پىلانلاش تۈرىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللايدىكەن؛ پەرقلىق يەر ئىشلىتىشنى قوللاش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش پىلان كۆرسەتكۈچىگە كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتە نامراتلار كۆچۈپ چىقىپ كەتكەن رايوندىكى ئۆيلۈك يەرنى قايتا ئېچىش، قايتا كۆكەرتىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىدىكەن؛ قېزىلما بايلىقنى چارلاش، گېئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، گېئولوگىيەلىك مۇھىت ۋە ئاساسىي ئۆلچەش - سىزىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتىدىكەن. ھازىر، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، داۋاملاشما تۈرلەرنىڭ ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىۋېتىپتۇ.
2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى كۆپەيتىش - ئازايتىشنى باغلاش، تېرىلغۇ يەرنى تولۇقلاشنى دۆلەت بىرتۇتاش پىلانلاش سىياسىتىدىن يېتەرلىك پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ 14 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرگەن؛ پەرقلىق يەر ئىشلىتىشنى قوللاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى، يېڭىدىن كۆپەيگەن قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرنى ھەقلىق ئىشلىتىش ھەققىدىن 251 مىليون يۈەن خىراجەتنى كېمەيتىپ، كەچۈرۈم قىلىپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يېرىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان؛ تۈرلەرنى جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتە نامراتلار كۆچۈپ چىقىپ كەتكەن يەرلەرنى قايتا ئېچىش، قايتا كۆكەرتىش ۋەزىپىسىنى 21 مىڭ 500 مو ئورۇندىغان، قېزىلما بايلىقنى تەكشۈرۈش، گېئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق 60 نەچچە تۈرنى ئورۇنلاشتۇرغان.