تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئۈچ خىل كۈچ» بەكمۇ يىرگىنىچلىك ئىكەن

كېرىيە ناھىيەسىدىكى تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى ئاينۇر مەتروزى:

«ئۈچ خىل كۈچ» بەكمۇ يىرگىنىچلىك ئىكەن

مەن كېرىيە ناھىيەسى لەڭگەر يېزىسى بازار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئاينۇر مەتروزى. مەن ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، قانۇنسىز تور بېكەتلىرىنى كۆرۈپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى مەزمۇنىدىكى سىن، ماقالىلەرنى چۈشۈرۈپ ساقلىغان ھەم تارقاتقانىدىم. كېيىن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ نەسىھەتى بىلەن، كېرىيە ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشكە قاتناشتىم. تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر ئورۇندا خىزمەت قىلدىم، تۇرمۇشۇم خاتىرجەم، مەنىلىك ئۆتۈۋاتىدۇ.

شۇ تاپتا، مەن ھېكايەم ئارقىلىق كىشىلەرگە ئىبرەت قىلىپ، يار لېۋىدە تېڭىرقاپ يۈرگەن، تەۋرىنىپ تۇرغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ تېگى يوق ھاڭدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ چىقىشىغا ياردەم بېرىشنى ئويلىدىم.

2012 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە، ئەتراپىمدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىكى بەزى سۆز - ھەرىكەتلەر پەيدا بولدى. مەسىلەن، پەرزەنتلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشىگە يول قويماسلىق، تېلېۋىزور كۆرۈشىگە، رادىيو ئاڭلىشىغا يول قويماسلىق، دىننى باھانە قىلىپ ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىپ پائالىيەت قىلىشىغا يول قويماسلىق قاتارلىقلار. شۇ چاغدىن باشلاپ، مەندە «دىنىي بىلىم» ئۆگىنىش ئويى پەيدا بولدى، مەن شۇ چاغدا خاتا ھالدا، مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەگەر مەندە «دىنىي بىلىم» بولمىسا ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىم ۋە ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالىمەن، دەپ قارىغانىدىم.

ئىچ مىجەز بولغاچقا، مەن باشقىلار بىلەن ناھايىتى ئاز ئالاقە قىلىپ، تورغا مەپتۇن بولۇپ قالغانىدىم. مەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان بەزى تور بېكەتلىرىنى كۆرۈپ، ئۇ يەردىن ئاتالمىش «دىنىي بىلىم»نى ئىگىلىدىم ھەم بۇ «بىلىم»لەرنى چۈشۈرۈپ، دائىم «ئۆگىنىپ» تۇردۇم، يەنە ئاشۇ تور بېكەتلىرىدە تەسۋىرلەنگەن ئاتالمىش «غازات قىلىپ شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەننى كىشىلىك ھاياتىمنىڭ ئىنتىلىشى قىلدىم. شۇنداق قىلىپ، بىلىپ - بىلمەي، مەن قەدەممۇقەدەم دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچرىدىم.

ئېرىم دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن تېخىمۇ ئېغىر يۇقۇملانغاچقا، 2017 - يىلى 7 - ئايدا تېررورىزم، ئەسەبىزمنى تەرغىب قىلىش جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە جازاغا ھۆكۈم قىلىندى.

2018 - يىلى 2 - ئايدا، ئېرىم تۈرمىدە ماڭا بىر پارچە خەت يازدى، خەت ئۆز قىلمىشلىرىغا بولغان پۇشايمان ۋە ئاتا - ئانىسى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئالدىدىكى خىجىلچىلىق بىلەن تولغانىدى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغانىدى: «<ئۈچ خىل كۈچ> تەرغىب قىلغان ئاشۇ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىنىڭ ھەممىسى خاتا، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت، مەن ئۇلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ، جىنايەت يولىغا ماڭغان. سىز ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپت - بەشىرىسى ۋە رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، بالىمىزنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۆتمۈشتىن ئۈزۈل - كېسىل ئادا - جۇدا بولۇپ، يېڭى تۇرمۇشنى باشلاڭ».

ئېرىمدىن كەلگەن خەتنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلەندىم، ئىنچىكە ئويلانغاندىن كېيىن، كېرىيە ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئۆگىنىشكە تىزىملىتىپ قاتنىشىشنى قارار قىلدىم.

كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بارغاندىن كېيىن، كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم مېنى تامامەن ئۆزگەرتتى. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى بىزنى ياخشى ئۆگىنىش، تۇرمۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچى، دوختۇر قاتارلىق خىزمەتچىلەر بىزگە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدەك كۆڭۈل بۆلدى، غەمخورلۇق قىلدى. بىز ناھايىتى ياخشى تەلىم - تەربىيەدىن بەھرىمەن بولدۇق، ھەقسىز مەززىلىك تاماقلارنى يېدۇق، مەكتەپ دائىم تۈرلۈك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى، ئوقۇتقۇچىلار بىزگە ھەر تەرەپلىمە كۆڭۈل بۆلۈپ، بىزگە ياردەم بېرىپ، بىز يولۇققان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بەردى.

بىر قېتىم، كۆزۈمگە قان تولۇپ، ئاغرىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىم غۇۋالاشتى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى دوختۇر دەرھال مېنى تەكشۈرۈپ، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى بولۇپ قالغانلىقىمنى ئېيتتى. تېخىمۇ ياخشى داۋالاش ئۈچۈن، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىپ ماڭا دىياگنوز قويدى، ئۆلچەم بويىچە دورا ئىشلىتىش ئارقىلىق، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى كېسىلىم بىر ھەپتە بولمايلا ساقىيىپ كەتتى.

تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، مەن خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر ئورۇنغا بېرىپ خىزمەت قىلدىم، مەن بۇ خىزمەتتىن ئىنتايىن رازى بولدۇم.

ھازىر ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئىنتايىن خاتىرجەملىك، بەختلىك ۋە مەمنۇنلۇق ھېس قىلىۋاتىمەن. ئىلگىرىكى كۈنلىرىمنى ئەسلىسەم، ئاتا - ئانامغا ھەقىقەتەن يۈزكېلەلمەيمەن، ئۇلاردىن يوشۇرۇن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن ئۇچرىشىپ، قاراڭغۇلۇققا قاراپ ماڭغانىدىم؛ بالامغا يۈزكېلەلمەيمەن، ئۇنىڭغا ياخشى ئانا ئۈلگىسى تىكلەپ بېرەلمىدىم. ھەر قېتىم بۇلارنى ئويلىسام، قەلبىم پۇشايمانغا تولىدۇ.

مەن مېنى ۋە ئېرىمنى پاتقاققا سۆرەپ كىرگەن ئاشۇ «ئۈچ خىل كۈچ»تىن نەپرەتلىنىمەن، ئۇلار مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، تىنچ تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، مەن تىنچ، مۇقىم ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ قوينىدا ياشاشنىڭ نەقەدەر بەختلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، مەن ئىككى قولۇم بىلەن بۈگۈنكى ياخشى تۇرمۇشنى قوغداپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ يەنە ئەۋلادلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى: زاكازلار كۆپ، ئىشلەپچىقىرىش ئالدىراش
  • قۇملۇقتا «بېيىش مېۋىسى» ئۆستۈرۈلدى
  • شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى: سۇ شەھەردىن ئېقىپ ئۆتتى، شەھەر سۇدا ئەكس ئەتتى