تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز دېھقانچىلىق رايونلىرىدا چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى

بەش يىلدا 8 مىليون گۆش قويى، 200 مىڭ سۈت كالىسى، 300 مىڭ گۆش كالىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ يى، جاۋ جىيۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز دېھقانچىلىق رايونلىرىدا چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشقا باشلاپ، سىياسەت، تۈر جەھەتتىن قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بەش يىل ۋاقىتتا، 8 مىليون گۆش قويى، 200 مىڭ سۈت كالىسى، 300 مىڭ گۆش كالىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ئىچىدە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، مەۋقەنى يۇقىرى دەرىجىلىك بازار ئېھتىياجىغا قويۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، مىقدارنى ئاشۇرۇپ، خاس چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرىدىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون چارۋىچىلىقنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆممىقوناق شېخى قاتارلىق يەم - خەشەك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يەم - خەشەكنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىقىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، گۆش قويى، گۆش كالىسى باقمىچىلىقىنى كېڭەيتىپ، ھازىر بار بولغان تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرىدىكەن. تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا بىر تۈركۈم كۆلەملەشكەن سۈت كالىسى باقمىچىلىق بازىسىنى پىلانلاپ قۇرۇپ، سۈت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرىدىكەن. سۈتچىلىك، گۆش تۈرلىرىنى پىششىقلايدىغان چارۋىچىلىقتىكى باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئاساسىي تەرەققىيات نىشانى قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك زامانىۋى چارۋىچىلىق كەسىپلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

بۇنىڭ ئۈچۈن، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىلوس كۆممىقونىقى، بېدە قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەك تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، «بۇغداي + سىلوس كۆممىقونىقى»نى ئېڭىز ئورنىغا تېرىش ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، «ئاشلىقنى يەم - خەشەككە ئۆزگەرتىش» كۆلىمىنى 1 مىليون مودىن ئاشۇرىدىكەن. ئوت - چۆپ، زىرائەت شاخ - شۇمبىلىرىنى پىششىقلاپ يەم - خەشەككە ئايلاندۇرۇش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، يەم - خەشەكتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يەم - خەشەك جەھەتتىكى بوغما ھالەتنىڭ چەكلەش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىدىكەن.

بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نامرات رايونلاردا ئالاھىدە قۇش باقمىچىلىقىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، توشقان، ئېشەك قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنى قوللاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كالا، قوي كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى، تۆۋەن كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى «چوڭ چارۋىلارنى مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆي قۇشلىرىنى گەۋدىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، خاس باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا يار - يۆلەك بولۇش» پىكىر يولى بويىچە، «ئاشلىقنى يەم - خەشەككە ئۆزگەرتىش» كۆلىمىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىپ، تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون چارۋا - قۇش نەسىلچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك گۆش قويى نەسلىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش، دولان قويى نەسلىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش قاتارلىق بەش كالا، قوي نەسىلچىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇشقا باشلاپ، ئېشەك، توشقان، ئالاھىدە قۇش قاتارلىق ئەلا نەسىل كۆپەيتىش سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەلا نەسىل ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە بار بولغان چارۋا - قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا - قۇشنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇرۇق بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىكەن.

2019 - يىلى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستا خاس چارۋا - قۇش باقمىچىلىقى تېز راۋاجلىنىپ، 40 مىليوندىن ئارتۇق ئۆي قۇشىنى كاتەكتىن چىقىرىش ئىقتىدارى يېڭىدىن كۆپەيدى، توشقان، غاز، ئۆردەك قاتارلىق خاس كەسىپلەر يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى، ئېشەك، كەپتەر كەسىپلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى، چارۋىچىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش، دېھقانلار كىرىمىنىڭ سىجىل، مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى