تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىڭتۇەندىكى 26 داۋاملاشما نۇقتىلىق تاشيول تۈرىدە ئىش ئەسلىگە كەلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدە، بىڭتۇەن 14 - شىسىنىڭ قۇرۇمقاش شەھىرىدىن گۇما دېھقانچىلىق مەيدانىغىچە بولغان تاشيول تۈرىدە يېقىنقى بىرنەچچە كۈندىن بۇيان چىڭ تۇتۇپ قۇرۇلۇش قىلىنماقتا. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 88 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ تاشيولدا بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىدۇ، تۈر پۈتكەندىن كېيىن قۇرۇمقاش شەھىرىدىن گۇما دېھقانچىلىق مەيدانىغا بېرىشقا كېتىدىغان ۋاقىت زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ.

3 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە، بىڭتۇەندىكى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شارائىتى ھازىرلانغان داۋاملاشما نۇقتىلىق تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى 28 بولۇپ، يىلدا 5 مىليارد 722 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان؛ ھازىر 26 تۈردە ئىش ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، جەمئىي سېلىنغان مەبلەغ 5 مىليارد 80 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، كىلىمات سەۋەبىدىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شارائىتى ھازىرلانمىغان 22 تۈردە 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن بۇرۇن ھەممىسىدە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۆلچەرلەندى.

تۇنجى تۈركۈمدىكى 26 تۈردە ئىشنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بۇ يىللىق بىڭتۇەننىڭ قاتناش تۈر قۇرۇلۇشى مۇقەددىمىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىڭتۇەن قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشى مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر، داۋاملاشما نۇقتىلىق تاشيول تۈرلىرىنىڭ 4 مىليارد 800 مىليون يۈەن دۆلەت پىلانى مەبلىغىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيلەشتى، شى بىلەن شەھەر يانداشتۇرۇپ ئۆزى غەملەيدىغان قىسمىمۇ تېزدىن ئەمەلىيلىشىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ نورمال ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، 2020 - يىلى بىڭتۇەندە يېڭىدىن ياسىلىدىغان نۇقتىلىق تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىدىن ئونى بار بولۇپ، تۈرلەرگە جەمئىي 2 مىليارد 910 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن، قۇرۇلۇش مۇساپىسى 340 كىلومېتىر بولۇپ، تۈرلەرگە مۇناسىۋەتلىك شى، شەھەرلەر ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، تىرىشىپ تېزلىكتە ئىش باشلاش شارائىتىنى ھازىرلاۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى