تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىش ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پۇرسەتنى تېزدىن تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىش ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پۇرسەتنى تېزدىن تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو گۇاڭچى گۇرۇھى كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ باش قۇراشتۇرۇش سېخىدا، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئىشچىلارنىڭ ئىش ئورنىغا كېلىشى ۋە كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇرسەتنى تېزدىن تۇتۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىش ياخشى ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاش كېرەك.

چېن چۈەنگو گۇاڭچى گۇرۇھى كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىگە كېلىپ، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش ئاقما لىنىيەسىگە كىرىپ، قۇراشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، يۈرۈش يولىدا ئەمەلىي مېڭىش سىنىقى قىلىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپلىرىنى تەكشۈرۈپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئىشچىلارنىڭ ئىش ئورنىغا كېلىشى ۋە كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، كارخانىنى بازار ئېھتىياجى بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇردى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىش ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىستىل ئارقىلىق، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئۈنۈمنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىنىڭ مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۆزگەرتىپ، بازارنىڭ يېڭى ئېھتىياجى، تەرەققىيات يېڭى يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، ئەشيا ئوبوروتى زەنجىرىنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، مۇقىم كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش، ئۈنۈم يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى سوراپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال ئېلېكتىرون كەسىپلەر باغچىسى تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، زاۋۇت بىناسى قۇرۇلۇشى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇراشتۇرۇش جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتاتتى. چېن چۈەنگو باغچە رايونىغا كىرىپ، نەق مەيداندا تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلىشى، مەھسۇلاتنى سېتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۈر قۇرۇلۇشىدىكى «مۇھىم تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، تۈر ئارقىلىق تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىنى نىشانلاپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى، مۇھىم، زور يىرىك پىلانى ۋە مۇھىم، زور سىياسەتلىرىنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇلۇۋاتقان تۈر ۋە يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، «بىر تۈركۈمنى قۇرۇش، بىر تۈركۈمدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈمنى زاپاس ساقلاش»تەك ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە يېتەكچى كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەل ئارا مەبلەغ سېلىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، دەل جايىدا مەبلەغ سېلىش، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىش كېرەك. «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، مۇھىم، زور تۈر زۆرۈر ئامىللىرىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن سۈرئەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، بالدۇر قۇرۇپ چىقىش، قۇرۇلۇشنى بالدۇر تاماملاش، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، چېن چۈەنگو يىپەك يولى كۆركەم كىيىملەر كۆرگەزمە رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ مېۋە - چېۋىلىرى بازىرى، دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى پىيادىلەر كوچىسىغا كېلىپ، سودىگەرلەرنى زىيارەت قىلىپ، ساياھەت، سودا، مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىقلارنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. «كەلگەن ساياھەتچىلەر كۆپمۇكۆپ ئەمەسمۇ؟» «يېقىندىن بۇيان كىرىمىڭىز قانداقراق؟» «تىجارەت جەھەتتە يەنە قانداق قىيىنچىلىقلار بار» ... چېن چۈەنگو سودىگەرلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، تىجارەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسەت جەھەتتىن يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمال تەمىناتىنى بېيىتىپ، تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت، سودا، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغاپ، سودا سارىيى، تاللا بازىرى، يېمەك - ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تىجارەت ۋاقتىنى ئەھۋالغا قاراپ ئۇزارتىشىغا ئىلھام بېرىپ، كېچىلىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۇرغۇتۇش؛ ئىستېمال ئىشەنچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك، تولۇقلاش خاراكتېرلىك ئىستېمالنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىستېمال ئېھتىياجىنى پائال قېزىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىپ، يېڭى ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈش؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىپ، پائال تۈردە كارخانا ۋە سودىگەرلەرنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ساياھەت، يېمەك - ئىچمەك، سودا قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ جانلىقلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، جاۋ چىڭ قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.