تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى ئاچتى

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ نۇقتىلىق تۈرقۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا 2020 - يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈرلەرنىڭ ساھەلەرگە ئايرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا مۇناسىۋەتلىك. ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ھەمدە ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتى ۋە سېلىنما يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يىراق كەلگۈسى ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىنى مەۋقە قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش كېرەك. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۈچەپ كېڭەيتىش كېرەك. بولۇپمۇ دىققەتنى ئاممىۋى سەھىيە، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى، خەۋەرلىشىش، قاتناش قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ يول ئارقىلىق ئۈنۈملۈك سېلىنمىغا تۈرتكە بولۇپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بىيو دورا ياساش، سانائەت ئالاقە تورى، 5G، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش، ساياھەتچىلىكنى ئېچىش قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ تۈرلىرىنى پائال تەتقىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇزاققىچە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە زاپاس كۈچ قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى يېتىلدۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. يىل بېشىدىكى تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش نىشانىنى چۆرىدەپ، «بىر تۈركۈمنى قۇرۇش، بىر تۈركۈمدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈمنى زاپاس ساقلاش» تەلىپى بويىچە، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، كەسىپ، ساھەلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ تۈرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قۇرۇلۇشنى بالدۇر تاماملاش، بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تۈرنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ تۈرگە ئادەم ئىشلىتىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى داۋامىدىكى سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، سۈپەت بىخەتەرلىكى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش - تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەرنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك. باجدا ئېتىبار بېرىش، مالىيەدىن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك چارە - ئامال بىلەن كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، بېجىرىش ۋاقتىنى زور كۈچ بىلەن قىسقارتىپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ۋەزىپىلەرنى تۈرمۇتۈر ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى تۈرمۇتۈر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھالقىمۇھالقا چىڭ تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئالدىدا مېڭىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى