تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بىرلا غەيرەتكە كېلىپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

بىرلا غەيرەتكە كېلىپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ جىيۈن، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە خىزمەتتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق ۋەزىپىنى قەتئىي تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا ئالاقىدار كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا جەمئىيىتىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈپىتى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، تۈپتىن ئېيتقاندا يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا تايىنىش كېرەك. ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، خاس كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپلەر تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ چارۋىچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆكتاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يۆنىلىشىدىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈش يۆنىلىشىگە بۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئوبوروت، ئەشيا ئوبوروتى، ھېس قىلىش، سۈپەتلىك ماركا، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپلەر توپىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردىكى بايلىققا تايىنىپ تەرەققىي قىلغان 2 -، 3 - كەسىپلەرنى ئىمكانقەدەر يېزىلاردا ئېلىپ قېلىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشنىڭ قوشۇلما قىممەت پايدىسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىنى ئىمكانقەدەر دېھقانلارغا قالدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى مەركىزىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىچى - سىرتىدىن، شەھەر - يېزىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن ماسلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان مەنپەئەت باغلاش مېخانىزمىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى كۆپ يول ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا ئالاقىدار مۇھىم، زور ئىشلارنى قەرەللىك تەتقىق قىلىپ قارار قىلىشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ناھىيەلىك، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى ئاساسلىق زېھنىنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە قويۇپ، پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە 1 - شۇجىلارنىڭ «يەتكۈزۈش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىنىڭ «14 - بەش» يىللىق يىرىك پىلانىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى تۈزۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى