تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چاقىلىق - نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ماشىنىلار گۈركىرىمەكتە

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى بولغان G315 لىنىيەسىنىڭ چاقىلىق − نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا رەسمىي ئىش ئەسلىگە كەلدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چاقىلىق - نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ 5 - توختام بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، يەر تۈزلەش ماشىنىسى، يول چىڭداش ماشىنىسى قاتارلىق ماشىنىلار گۈركىرىگەن ھالدا كەڭ يول ئۇلىنى تۈزلىمەكتە ئىدى. بۇ بەلگە بۆلەكتىكى لىم ياساش مەيدانى، ۋاقىتلىق ئىمارەت قاتارلىقلاردىمۇ جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى.

«بىز <نۇقتىدىن نۇقتىغا> ئاپتوموبىل ھۆددىگە ئېلىش، ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىش ۋە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە قۇرۇلۇشچىلارنى مەيدانغا كىرىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تېز سۈرئەتتە تەشكىللىدۇق، كېيىن يەنە خادىملار ئۈزلۈكسىز ھالدا شىنجاڭ سىرتىدىن ئىش ئورنىغا قايتىپ كېلىدۇ.» جۇڭگو تۆمۈريول 1 - ئىدارىسى چاقىلىق - نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى 5 - توختام بۆلىكى تۈر بۆلۈمى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى داڭ جياڭتاۋ تېلېفوندا مۇنداق دېدى: «ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، بىز تەپسىلىي يىللىق قۇرۇلۇش پىلانى ۋە ئايلىق قۇرۇلۇش پىلانىنى تۈزۈپ، قۇرۇلۇش مۇددىتى تۈگۈنىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ھەم خام ماتېرىياللارنى تېز سۈرئەتتە مەيدانغا كىرگۈزۈشكە تەشكىللەپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ يېتىشىپ مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.»

چاقىلىق - نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى چاقىلىق ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، چەرچەن ناھىيەسى، بىڭتۇەن 2 - شىسى 37 - تۇەنى، 38 - تۇەنىدىن ئۆتىدۇ، ئاخىرقى نۇقتىسى نىيەگە جايلاشقان بولۇپ، G315 لىنىيەسىنىڭ نىيەدىن لوپقىچە بولغان تاشيول تۈرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 530.2 كىلومېتىر. تۈر قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىدۇ، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر بولۇپ، 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈپ قاتناش باشلاش مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، چاقىلىق - نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ مۇھىم ھالقىسى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىچكىرى رايونلار بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى مۇھىم يول ھېسابلىنىدۇ. 2019 - يىلى 7 - ئايدا G3012 قەشقەر(يېڭىشەھەر) - قاغىلىق - قاراقاش يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىدا قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تارىم ئويمانلىقىنىڭ يېرىمىنى قورشىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل چاقىلىق - نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، ئۈرۈمچىدىن لوپنۇرغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئىش ئەسلىگە كېلىپ قۇرۇلۇش قىلىندى ھەمدە G315 لىنىيەسىنىڭ نىيە - لوپ 1 - دەرىجىلىك تاشيولى، لوپنۇر - بىڭتۇەن 2 - شىسى 35 - تۇەنى، بىڭتۇەن 2 - شىسى 35 - تۇەنى - چاقىلىق تاشيول تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى تەدرىجىي شەكىللىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى