تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

خوتەن ۋىلايىتى: كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ، «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى نيۇ بىن، جۇ خۇڭجيې، خۇ لىجېڭ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يولىدا ئىزدىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، «باشلامچى كارخانا + بازا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + نامرات ئاھالە»، نامراتلارنى يۆلەش سېخى، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق نامرات ئاھالىلەرنىڭ كەسىپلەرگە قاتنىشىش دەرىجىسى ۋە مەنپەئەتلىنىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولدى    دېھقانلار سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلاندى

3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، گۇما ناھىيەسىدىكى سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان خوتەندىكى مەلۇم بىر شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار زاكاز قىلىنغان ئىشىك - دېرىزىلەرنى جىددىي ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى.

بۇزەينەپ غۇجىۋەلىنىڭ بۇ شىركەتتە ئىشلەۋاتقىنىغا سەككىز ئاي بولغان بولۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدا بۈگۈنكىدەك سۈپەت ھالقىشى بولغان. «ھازىر ئايدا 4000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپىمەن، بۇ يىل ئائىلىمىز چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ. مەن يەنە كىچىك دۇكان ئېچىپ، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاشنى پىلانلاۋاتىمەن» دېدى بۇزەينەپ.

بۇ شىركەت ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى 2016 - يىلى كىرگۈزۈپ نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ قۇرغان كارخانا بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، جەمئىي 270 مىليون يۈەن ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يارىتىپ، 540تىن ئارتۇق كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، بىر كىشى ئىشقا ئورۇنلاشسا، پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

لوپ ناھىيەسىدىكى چاچ مەھسۇلاتلىرى كەسىپلەر باغچىسىدا، ئوبۇلخەيرى ئوبۇلقاسىم ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، باغلام - باغلام سۈنئىي يالغان چاچنى تەكشى يۆگەپ ساندۇققا سېلىپ، كېيىنكى ئىش ھالقىسىغا ئەۋەتىۋاتاتتى. 2019 - يىلى 8 - ئايدا، ئوبۇلخەيرى زاۋۇتقا كىرىپ، ئۇزاق ئۆتمەي خىزمەتتە كۆزگە كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈن بەن - زۇ باشلىقى بولغان. «ئىلگىرى ئۇ يەر، بۇ يەردە پارچە - پۇرات ئىش قىلاتتىم، كىرىمىم مۇقىم ئەمەس ئىدى، ھازىر سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندىم، تۇرمۇشۇم تېخىمۇ ئۈمىدكە تولدى» دېدى ئوبۇلخەيرى.

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى «كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كەسىپنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تايىنىپ، ئۇۋا ياساپ سۇمۇرغ جەلپ قىلىپ، ئىچكىرى رايونلاردىكى كارخانىلارنى ماكانلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشقا جەلپ قىلدى، زور بىر تۈركۈم ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلار بەس - بەستە ماكانلىشىپ، «ناھىيەدە باشلامچى كارخانا بولۇش، يېزا - بازارلاردا كۆلەملىك كارخانا بولۇش، كەنتلەردە كەنت قۇرغان كارخانا بولۇش، ئائىلىدە ھۈنەرخانا بولۇش»تەك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈردى، بارغانسېرى نۇرغۇن دېھقان «ئۆزگىرىپ» سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندى.

كەنتتە كارخانىلار قۇرۇلدى    دېھقانلار ئىشىكى ئالدىدا كىرىمىنى ئاشۇردى

كەسىپ تەرەققىياتى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى، بىراق يەنە بىر قىسىم يەرلىكتىكى دېھقانلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ياشانغانلار، بالىلار، چارۋىلار، يەرلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللار ئۆيىدىن يىراق جايدىكى زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلەشنى خالىمايدۇ.

خوتەن ۋىلايىتى كارخانىلارنى كەنتتە زاۋۇت قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ «باش ئىشتاب + كەنت قۇرغان كارخانا» نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى كەنت قۇرغان كارخانىلارغا كېلىپ ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىشلەش بىلەن ئائىلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنىڭ ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇردى. دېھقانلار تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىپلا قالماي، سانائەتلەشكەن ئىشچىلارنىڭ ئېڭى ئۇلاردا ئۈن - تىنسىز يېتىلىپ، دېھقانلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى قىيىن بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.

3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، خوتەندىكى مەلۇم كىيىم - كېچەك شىركىتى لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى كۆتەمە كەنتىدە تەسىس قىلغان كەنت قۇرغان كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ تەپكىسىنى دەسسەپ، قولىدىكى رەختنى ئۇياق - بۇياققا سېيرىپ، ئېكسپورت زاكىزىنى تاماملاش ئۈچۈن ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. يېقىندا زاۋۇت يېڭىلا بىر تۈركۈم ئېكسپورت زاكىزى ئىمزالىغانىدى، زاۋۇت ئىشىغا قاراپ مائاش بېرىش، ئەمگىكىگە قاراپ ھەق بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىشچىلارنى ئاكتىپ ئىشلەپچىقىرىشقا، كۆپ ئىشلەپ كۆپ ھەق ئېلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

كەنت ئاھالىسى بۇخەلچەم ئابدۇرېھىم بىرىنچى تۈركۈمدە زاۋۇتقا كىرگەن ئىشچى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر تېخنىكام بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى، ئېيىغا 3500 يۈەن كىرىم قىلىمەن».

نۆۋەتتە، بۇ كىيىم - كېچەك شىركىتى لوپ ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا - كەنتلەردە 24 كەنت قۇرغان كارخانا تەسىس قىلىپ، زور بىر تۈركۈم يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى، بولۇپمۇ نامرات نوپۇسنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى.

ھازىرغىچە، خوتەن ۋىلايىتى كىرگۈزگەن توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئاياغ - پايپاق ئىشلەش، چارۋا - ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش، ئويۇنچۇق ئىشلەش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانا 1900دىن ئاشقان، كەنت قۇرغان كارخانا تەرەققىي قىلىپ 900گە يېقىنلاشقان، دېھقانلار ھەمكارلىق تەشكىلاتى 1100دىن ئاشقان.

خاس كەسىپلەر دېھقانلارنىڭ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتتى

خوتەن ۋىلايىتى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم دېھقان - چارۋىچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، گۇما ناھىيەسى فاڭيۈەن يېشىل يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدا، يېقىن ئەتراپتىكى يېزا - بازارلاردىن كەلگەن 270تىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ئىشلەۋاتاتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 220سى نامرات ئاھالە. بۇ شىركەت نامرات ئاھالىلەرنىڭ پارنىكى، قوي قوتىنى ۋە يەرلىرىنى بىرتۇتاش ئوبوروت قىلىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 18 كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ 11مىڭ تۇياق قويىنى ھاۋالىلىك بېقىپ، كۆلەملىك، تۈجۈپىلىك، ئۆلچەملىك باقمىچىلىقنى يولغا قويدى. قوينى ھاۋالىلىك بېقىش ئارقىلىق، ھەر يىلى نامرات ئاھالىلەرگە 1 مىليون 458 مىڭ يۈەن پايدا ئايرىپ بېرىپ، 1374 ئائىلىدىكى 4374 ئادەمنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا بىۋاسىتە ياردەم بەردى، يۆلىدى.

گۇما ناھىيەسىگە جايلاشقان كوئېنلۇن لۈيۈەن توشقانچىلىق كەسپى باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى يېقىن ئەتراپتىكى تۆت يېزا - بازاردىكى 8000دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنى بۆجەن، تېخنىكا، يەم - خەشەك بىلەن تەمىنلەپ، 40كۈن باققاندىن كېيىن كارخانا كاپالەتلىك باھا بىلەن سېتىۋېلىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ توشقان بېقىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. كوئېنلۇن لۈيۈەن قاتارلىق كارخانىلارنىڭ ماكانلىشىشىغا ئەگىشىپ، خوتەن ۋىلايىتىدە توشقانچىلىق كەسپى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، كىچىكلىكتىن زورايدى، 15چوڭ تىپتىكى توشقان باقمىچىلىق كارخانىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەندىكى بىرقانچە ناھىيە - شەھەردە ماكانلاشتى، باقىدىغان توشقان سورتى ئۆي توشقىنى، قاما توشقان، ئۇزۇن تىۋىتلىق توشقان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە - شەھەرلەر شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، باغ - ئورمانچىلىق، ئاشلىق ۋە خاس زىرائەتلەرنى قۇر ئارىلاپ تېرىش، كىرىشتۈرۈپ تېرىشتەك كۆپ قېتىم ھوسۇل ئېلىنىدىغان ئىستېرېئولۇق تېرىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، پىچەكگۈل، قوغۇن، ئەتىرگۈل، مور قاتارلىق خاس تېرىقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى.

بۇ يىل، خوتەن ۋىلايىتى يەنە «يۈز مىڭ، مىليون، ئون مىليون، يۈز مىليون» دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك يېتەكچى كەسىپلىرىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئېشەكنىڭ قوتان قالدۇقىنى 113 مىڭ تۇياققا، قوتاندىن چىقىرىلىدىغان كۆپ تۆللەيدىغان گۆش قويىنى 1 مىليون 500 مىڭ تۇياققا، توشقاننى 40 مىليونغا، كەپتەرنى 15 مىليونغا، ئۆردەكنى 12 مىليونغا، غازنى 18 مىليونغا، توخۇنى 35 مىليونغا، يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنى 120 مىليون خالتىغا يەتكۈزۈش كۆلىمىنى مۇقىم شەكىللەندۈرۈپ، سان ۋە سۈپەتنى تەڭ تۇتۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ كەسىپ تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىلەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى