تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

«جاراڭلىق كىتاب ئوقۇش ساداسى» پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدالدى

ئوقۇغۇچىلار مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ مەكتەپكە باردى - قايتتى، ئەتىگەندە، چۈشتە، كەچتە بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆلچەندى، مۇداپىئە بۇيۇملىرى تولۇق سەپلەندى

«جاراڭلىق كىتاب ئوقۇش ساداسى» پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدالدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ياڭ جىڭيى، يې سۈي

3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ئوقۇش باشلاپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈردى. مەكتەپلەرنىڭ تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە، دەل جايىدا يولغا قويۇپ، ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى بىخەتەر، تەرتىپلىك تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇشى ئائىلە باشلىقلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىش. شۇڭا بۇ ھەقتە زىيارەت قىلدۇق.

3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سەھەردە، مەكىت ناھىيەلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ تەرتىپلىك ھالدا مەكتەپكە كىردى، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا، تولۇق 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى مەدىنە ئەمەر تاقىۋالغان كونا ماسكىسىنى يىغىۋېلىش ساندۇقىغا تاشلىۋېتىپ، بىر يېڭى ماسكا تاپشۇرۇۋالدى.

«بىز كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز ماسكا تارقىتىپ بەردۇق» دېدى مەكىت ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى رېن شياۋگاڭ.

مەكىت ناھىيەلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە، ھەربىر دەرسخانىغا دېزىنفېكسىيەلەش پۈركۈگۈچى، تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرى سەپلەنگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر ئۆگىنىش مۇھىتى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

ئاۋات ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگىنىمىزدە، سىنىپلاردىن جاراڭلىق كىتاب ئوقۇش ساداسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، دەرسخانىلاردا ئوقۇغۇچىلار زېھىن قويۇپ دەرس ئاڭلاۋاتاتتى. «بىز ئىقتىدارلىق دەرسخانا، كومپيۇتېرخانا قاتارلىقلارنى بىكارلاپ، كىچىك سىنىپلاشتۇرۇپ ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇپ، سىنىپلارنىڭ ھاۋا ئالمىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.» مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جياڭ شيەنشىڭ مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىپ - كېتىشى، دەرس ئاڭلىشى، دەرستىن چۈشۈشى، دەرس ئارىلىقىدىكى گىمناستىكا ۋە غىزالىنىشنىڭ ھەممىسىنى ئۇچراشتۇرماي، ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئېلىپ باردۇق.

«5 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياخشى ئۆسمۈرلەر، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش مەسئۇلىيىتى كۈچلۈك؛ پات - پات قول يۇيۇپ تۇرسا، پات - پات ھاۋالاندۇرسا، كۆپرەك ئاپتاپسىنسا تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ...» خو رۈيفاڭ قومۇل شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ 4 - يىللىق 3 - سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بولۇپ، ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى دەرس باشلاشتىن بۇرۇن ئۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئۆزى يازغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بالىلار قوشىقىنى ئوقۇپ، تەربىيەنى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈش ئۇسۇلىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاددىي ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇردى.

3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سائەت 9دا، غۇلجا شەھەرلىك 24 - باشلانغۇچ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى يول كۆرسەتمە خەرىتىسىنى بىر قاراپلا چۈشەنگىلى بولاتتى، ئوقۇغۇچىلار بېكىتىلگەن رايوندا ئۆز ئالدىغا، تەرتىپلىك ھالدا مەكتەپكە كىرىۋاتاتتى. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئوقۇش باشلاشنىڭ ئالدى - كەينىدە بۇ مەكتەپ سىنلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مانېۋىرى ۋە ساغلاملىق مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىدىن ھەربىر ئائىلىنى تەڭ بەھرىلەندۈرۈپ، «مەكتەپ، سىنىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى، ئاتا - ئانىلار»دىن تەركىب تاپقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى زىچ، ئىنچىكە بەرپا قىلدى.

مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ مەكتەپكە بېرىش - كېلىش، ئەتىگەندە، چۈشتە، كەچتە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، مەكتەپ ئىچىدە رايونغا بۆلۈنۈپ ھەرىكەت قىلىش... پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەش بىلەن بىللە، ئوقۇتۇشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى.

جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىچكىرى رايونلاردىن كەلگەن مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار بىرقەدەر كۆپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىشتىكى قاتناش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايىتى تۆمۈريول تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ، شىنجاڭغا قايتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس پويىزىدىن ئالتىنى ئورۇنلاشتۇردى؛ خوتەن ۋىلايىتى ئالدىنقى مەزگىلدە ئون نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ماسلاشتۇرۇپ ۋە ئالاقىلىشىپ، مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان 1300 نەچچە ئوقۇتقۇچىنىڭ گەنسۇ، سىچۈەن، شەنشى قاتارلىق جايلاردىن خوتەنگە قايتىشىغا ياردەم بەردى، 2800 نەچچە ئوقۇتقۇچى مەخسۇس پويىز ئارقىلىق ئىش ئورنىغا قايتىپ، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇش باشلىشى، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

«بىز تەلەپ بويىچە، ئىچكىرى رايونلاردىن ئىش ئورنىغا قايتقان ئوقۇتقۇچىلارنى ئايرىۋەتتۇق، ئايرىۋېتىش ئاخىرلىشىپ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە تەشكىللەپ، تېنىنىڭ ساغلاملىقى بېكىتىلگەندىن كېيىن ئاندىن ئىش ئورنىغا چىقىرىمىز» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياڭ خۇڭجۈن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئوقۇش باشلانغان، دەرس ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەر «ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى دەرس» «دەرس ئالدىدىكى ئون مىنۇت» «باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى» قاتارلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، يۇقۇمغا بىرلەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، مىننەتدارلىق تەربىيەسى، ھاياتلىق تەربىيەسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ساۋاتلىرى باش تېما قىلىنغان تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى