تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

«باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىلىڭى» ياڭ يېگۇڭ: ھاياتلا بولسام كۈرەش قىلىشنى توختاتمايمەن

ياڭ يېگۇڭنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن تېلېگراممىسى (مۇخبىر لې ۋېنۋەن) 1999 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى پەيتىدە، بىر مەيدان ئەسىرلىك كاتتا ھەربىي پارات بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئىككىنچى توپچىلار قىسمىنىڭ پاراتقا قاتناشقان چاسا ئەترىتى تيەنئەنمېننىڭ ئالدىدىن ئاستا - ئاستا ئۆتكەندە، يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ھەيۋەت بىلەن نامايان بولۇپ، پۈتۈن جاھاننىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى، كىشىلەرنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتتى.

سەپنىڭ ئالدىدىكى قوماندانلىق ئاپتوموبىلىدا، بىر كوماندىر قەددىنى تىك تۇتۇپ، ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ تەنتەنىلىك ھەربىي سالام بەردى، ئۇ ياڭ يېگۇڭ − بۇ قېتىم پاراتقا قاتناشقان ئىككىنچى توپچىلار قىسمى چاسا ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى.

ياڭ يېگۇڭ، 1945 - يىلى 2 - ئايدا تۇغۇلغان، خۇبىي يىڭچېڭدىن. 1963 - يىلى 8 - ئايدا ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، 1966 - يىلى 2 - ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، ھايات ۋاقتىدا سابىق ئىككىنچى توپچىلار قىسمىنىڭ مۇئاۋىن سەنموۋجاڭى بولغان. 2004 - يىلى 7 - ئايدا كۆپ چارچىغانلىقتىن كېسەل بولۇپ، كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.

ياڭ يېگۇڭ دائىم مۇنداق دەيتتى: «ئۇرۇش بىزدىن يىراق ئەمەس»، شۇڭا «ۋاقىت بىلەن بەيگىگە چۈشۈشتە چىڭ تۇرۇش»تەك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى تۇتۇشىمىز، مەشىق قىلىشىمىز كېرەك.

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىنىڭ بېشىدا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى بېكىتكەندىن كېيىن، ياڭ يېگۇڭ ئارمىيەمىز تارىخىدىكى تۇنجى يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ ۋەزىپە ئىنتايىن مۈشكۈل ئىدى: بازا يوق، جابدۇق كەمچىل، ئىختىساسلىقلار يېتەرسىز ئىدى؛ يېپيېڭى قىسىم، يېپيېڭى قورال - جابدۇقلار يېپيېڭى قۇرۇلۇش پىكىر يولى، مەشىق ئەندىزىسىگە موھتاج ئىدى؛ يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخى تەتقىق قىلىنىپ ياسىلىۋاتاتتى، ئەمما باشقۇرۇلىدىغان بومبا لۈيىنى تەشكىللەش ۋە مەشىق قىلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى چوقۇم باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقىشتىن ئىلگىرى تاماملاشقا توغرا كېلەتتى...

ياڭ يېگۇڭ بازىدىن 11 قابىل ئەسكەرنى تاللاپ، مەركەزلىك مەشىق ئەترىتى تەشكىللىدى، خىراجەتنى تېجەش ئۈچۈن، ئۇ يەرلىكتىكى تاشلاندۇق زاۋۇت سېخلىرىنى قىسىمنىڭ گازارمىسى قىلدى. كەسپىي مەشىق قىلىش بىلەن بىللە، ئەترەت ئەزالىرى يول ياساپ، يەر تۈزلەپ، قورشاۋ تام سېلىپ، ئىككى قولى بىلەن ئۆزىنىڭ چوڭ لاگېرىنى قۇرۇپ چىقتى. ياڭ يېگۇڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قوشۇن ئۈزلۈكسىز زورايدى.

ئەينى چاغدا، يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ بولۇنمىغاچقا، مەركەزلىك مەشىق ئەترىتىنىڭ دەرسلىك تىزىسى يوق ئىدى، شۇڭا ياڭ يېگۇڭ مەركەزلىك مەشىق ئەترىتىدىكىلەرنى باشلاپ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىغا بېرىپ، ئۇلاردىن بىر - بىرلەپ سوراپ ئۆگەندى. كۈندۈزى ئۇلار سېختا ئۇستاملارغا ياردەمچى بولۇپ، چېرتيوژ ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلىسە، كەچتە خىزمەت خاتىرىسىنى تەپسىلىي، ياخشى يازدى، مۇشۇ ئاساستا، ئۇلار بىر يۈرۈش كەسىپىي دەرسلىك تۈزۈپ چىقتى.

بازىنىڭ سابىق مۇئاۋىن جېڭۋېيى چى جىجياڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى − كېچە - كۈندۈز جاپالىق ئىشلىگەچكە، ياڭ يېگۇڭ ئورۇقلاپ، قارىداپ كەتكەنىدى. ئەمما ئۇ قىسىمنى باشلاپ «قورال - ياراغ بولمىسىمۇ مەشىق قىلالايدىغان، قورال بولسا ئۇرۇش قىلالايدىغان بولۇش» نىشاننى ئىشقا ئاشۇردى. قىسىمنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئەينى يىللاردا، ياڭ يېگۇڭ يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھەرقايسى كەسپىي مەشغۇلاتلىرىغا قوماندانلىق قىلىش ماھارىتىنى ناھايىتى تېزلا ئىگىلىگەن ھەم قىسىمنى باشلاپ 2 - توپچىلار قىسمى تارىخىدىكى تۇنجى يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن.

1995 - يىلى، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم، زور ھەربىي مانېۋىردا، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرگەن بۇ يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى بۇيرۇققا بىنائەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش مەشىقى قىلىپ، ئالتە بومبا ئېتىپ ھەممىسىنى نىشانغا تەگكۈزۈشتەك جەڭ نەتىجىسى ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىرادىسى ۋە مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرغان. ياڭ يېگۇڭ مانېۋىردا مۇھىم رول ئويناپ شەرەپ بىلەن 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.

شۇ كۈنلەردە، ياڭ يېگۇڭ كۈندۈزى نەق مەيداننى چارلىسا، كەچتە خەرىتە ئۈستىدە مەشغۇلات قىلغان، تومۇزدا كېسەل بولۇپ قالسىمۇ، جەڭچىلەرنى بومبا قويۇپ بېرىش مەيدانىنى رېمونت قىلىشقا تەشكىللىگەن. مانېۋىر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ چارچاپ يىقىلىپ قېلىپ، دالا ئۇرۇشى شىپاخانىسىنىڭ چېدىرىدا بىر كۈن ئاسما ئوكۇل سالدۇرغان.

ھاياتلا بولسام كۈرەش قىلىشنى توختاتمايمەن. ئارمىيەگە قاتناشقان 41 يىلدا، ياڭ يېگۇڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى باشتىن - ئاخىر قەلبىگە پۈكۈپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن تا ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىسىگىچە جان تىكىپ خىزمەت قىلغان.

2004 - يىلى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغان ياڭ يېگۇڭ بىھوش ھالەتتىن ئويغىنىپ، مەلۇم باشقۇرۇلىدىغان بومبا لۈيىنىڭ لۈيجاڭى چېن چۇخۇاغا تېلېفون بېرىپ، لۈينىڭ باھالاشتا ئۆلچەمگە يېتىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا خىزمەتنى چوقۇم ئىنچىكە ئىشلەشنى تاپىلىغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ياڭ يېگۇڭ يەنە ھوشىدىن كەتكەن.

ئۇ سەكراتتىكى چاغدا، توختىماي جۆيلىگەن، خوتۇنى ياڭ يۈجېن ئاخىرەتلىك ئىشلارنى تاپىلاۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ يېقىن كېلىپ تىڭشىغان، لېكىن ئۇنىڭ ئاڭلىغىنى ئەكسىچە «دىققەت، راھەت» «بىر، ئىككى، بىر... يولغا چىقىڭلار...» بولغان.

«ياڭ يېگۇڭنىڭ ھەر ۋاقىت بۇرچنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئۆمۈرلۈك ئەڭ ئالىي ئىنتىلىش قىلىدىغان روھى ئاللىبۇرۇن بازىدىكى قىسىم ۋە بارلىق كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ قان تومۇرىغا سىڭىپ كەتكەن» دېدى راكېتا ئارمىيەسى مەلۇم بازىسىنىڭ رەھبىرى.

2005 - يىلى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ياڭ يېگۇڭغا «سادىقلىق بىلەن بۇرچنى ئادا قىلغان نەمۇنىچى كوماندىر» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەردى. 2006 - يىلى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ياڭ يېگۇڭ پۈتۈن ئارمىيەدە سۈرىتى ئېسىلىدىغان قەھرىمان نەمۇنىچىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، ئۇنىڭ سۈرىتى جاڭ سىدې، دۇڭ سۈنرۇي، خۇاڭ جىگۇاڭ، چيۇ شاۋيۈن، لېي فېڭ، سۇ نىڭ، لى شياڭچۈن قاتارلىقلار بىلەن بىللە پۈتۈن ئارمىيەدىكى ليەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ كۇلۇبلىرىغا ئېسىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قول تۇتۇشۇپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاچا-سىڭىللار
  • گۈزەل شىنجاڭنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى يارقىنلىقى بىلەن كىشىنى مەستخۇش قىلدى
  • چىرايلىق كىيىنىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈش