3-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7-شى 129-تۇەن 1-ليەندىكى 5-نومۇرلۇق سالا ئېتىزىنىڭ ئىشچىسى لى چۈەنخۇانىڭ ئېتىزىدا، دېھقانچىلىق ماشىنىسى يەر تۈزلەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى قىلىۋاتاتتى.
1-ليەن پارتىيە ياچېيكىسى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ليەن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خې مىڭ مۇنداق دېدى: «ليەنىمىزدە نۆۋەتتە مەشغۇلات قىلىۋاتقان بەش ماشىنا بار. ھازىر 2000 مودىن ئارتۇق يەرنى تۈزلەپ نەملىكنى ساقلاش خىزمىتىنى تاماملاپ بولدۇق، ھەر كۈنى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، يەر تۈزلەش خىزمىتىنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا تاماملايمىز.»
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، 129-تۇەننىڭ ھەرقايسى ليەندۈيلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى قىلماي، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ماھىرلىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سۇبيېكتلىرىنى ماشىنىلاشقان مەشغۇلاتنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى تېخنىكىلىق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماھىرلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدەش ۋە رېمونت قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆستۈردى.
3-ئاينىڭ 23-كۈنى، 129-تۇەننىڭ باغۋەنچىلىك ليەنىدىكى تېرىقچىلىق پارنىكىدا، تېرىقچىلىق ئائىلىسىدىكى ليۇ شياۋفېڭ شوخلا مايسىلىرىنىڭ پېلىكىنى باغلاپ شاخلىرىنى رەتلىدى.
ھازىر دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى ياخشى باشقۇرۇش مەزگىلى، 129-تۇەننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ھاۋا رايى ئەھۋالىغا ئاساسەن، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، ياخشى باشقۇرۇپ، مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى .
نۆۋەتتە، 129-تۇەننىڭ ھەرقايسى ليەندۈيلىرى، ئورۇنلىرى ئۇرۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئىككى كومىتېت»نى ئېتىز-ئېرىقلارغا بېرىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللىدى.
شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى