تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭدا «باھار ھىدى» خۇشپۇراق چاچتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى): ئەتىياز كەلدى، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆكتاتلار ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنىپ، دېھقانلار 2020-يىلىدا كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. يېقىندا، قەشقەر ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردا بىر قىسىم «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى بەس-بەستە توردا ئالاقىلىشىپ، كەنتتە بۇ يىل ئەتىيازدا بازارغا سېلىنىدىغان كۆكتاتلارغا «ئېلان بەردى» ھەمدە كۆپچىلىكنى كەنتكە كېلىپ، يېڭى كۆكتاتلارنى ئۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى.

  3-ئاينىڭ 23-كۈنى، كۆكتوقاي ناھىيەسى قارا تۆڭگە بازىرى قىزىلقۇدۇق كەنتىنىڭ كۆكتات پارنىكىدىكى ياپيېشىل سامساق مايسىلىرى ھاياتىي كۈچكە تولدى. دېھقانلار بۇ يىلقى تۇنجى تۈركۈم زاكاز تالونى بىلەن ئالدىراش بولدى. تۆت پارنىكتىكى سامساق مايسىلىرى چاغاندىن بۇرۇن يېتىشتۈرۈلۈپ، يېرىم ئاي بۇرۇن پارنىكقا تىكىلىپ، ھازىر ھەم توم، ھەم ساغلام ئۆستى.


  سامساق مايسىسىدىن باشقا، يەنە قىسمەن چوڭ پارنىكلاردا، چاغاندا تېرىلغان پالەك، يازلىق بەسەيمۇ ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى. 20 كۈنلەردىن كېيىن، بۇ يىلقى تۇنجى قېتىملىق خاڭگادىنمۇ ھوسۇل ئېلىنىدۇ. 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، كەنتتە 30 توننىدىن 40 توننىغىچە كۆكتات بازارغا سېلىنىدۇ.

  «كەنت بويىچە 70 نەچچە ئائىلىلىك دېھقان كۆكتات تېرىدى، كۆكتات كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسى بولۇپ قالدى. خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ ئارقىلىق كەنتتىكىلەرنىڭ كۆكتاتلىرىغا <ئېلان> بېرىپ، سودىگەر، تاللا بازارلىرى ۋە توپ تارقىتىش بازىرى قاتارلىقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ساتتى» دېدى كۆكتوقاي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى ئەن جيەنگاڭ.

  قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى ياندۇما يېزىسى ئاياغ چىگەتۇغ كەنتىدىكى پارنىكتا، دېھقانلار باش باھاردىكى تۇنجى جيۇسەينى يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.



 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى