3-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7–شىسى خۇياڭخې شەھىرى تيەنبېي يېڭى رايونى رۈيمىڭ ۋەنجيا ئۆي جاھازلىرى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى مەيدانى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا تىجارەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ھازىرغىچە تيەنبېي يېڭى رايونىدىكى 2100دىن ئارتۇق سودا-سانائەتچى، كارخانىلار تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %93تىن ئاشتى.
3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، تيەنبېي يېڭى رايونى ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك سودا-سانائەتچى، كارخانىلارنىڭ تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، سودا-سانائەتچى، كارخانىلارنىڭ تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە قىيىنچىلىقى بولغان تەۋەلىكتىكى يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە شى، شەھەر، تيەنبېي يېڭى رايونى «ئىككى دەرىجىلىك بىرلەشمە تەكشۈرۈش» ئارقىلىق، ھەربىر ئائىلىگە 80 مىڭ يۈەن ئىچىدە ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلى بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن سودا-سانائەتچى، كارخانىلارنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلدى .
«学习强国» بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى