تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قورغاس ناھىيەسى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىغا جىددىي كىرىشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز خۇاڭ جىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن يۆ خەۋىرى): «كەنتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇۋاپىق بولدى، بىزنىڭ ئېتىز-ئېرىقلارنى باشقۇرۇش-ئاسرىشىمىزغا دەخلى يەتمىدى.» 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى سەنگۇڭ يېزىسى دۇڭۋەن كەنتىنىڭ ئاھالىسى گۇ فۇلۇڭ ئېتىزلىقتىكى 15 مو ئۆرۈك دەرىخىنى ئوغۇتلاپ، شاخ-شۇمبىلارنى چاتىدى.

  قورغاس ناھىيەسى رايون ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ تەييارلىقى پىلانىنى بالدۇر مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ، ناھىيە بويىچە دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ۋەزىپىنى كېمەيتمەسلىك، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلدى.

     قورغاس ناھىيەسى تېرىقچىلىق رايون كىلىماتى، سورت قاتارلىقلارغا ئاساسەن، زىرائەت، رايونلار بويىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى. 3-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە قەدەر، جەمئىي 8589 مو يەر تېرىلىپ، تاماملاش نىسبىتى %2.2 بولدى، بۇ يازغى بۇغداي، زاراڭزا، كۆكتات، كۆممىقوناق، قىزىلچا ۋە باشقا زىرائەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جەمئىي ئوغۇتلانغان كۈزگى بۇغداي 81 مىڭ 463 مو بولدى.

  بۇ يىل، قورغاس ناھىيەسىدە 22 مىڭ مو يەرگە تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخارگۈلى تىكىش پىلانلاندى، بۇنىڭغا كېرەكلىك كۆچەتلەرنى بەلگىلەنگەن كۆچەت يېتىشتۈرۈش ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەمىنلىدى؛ 275 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق خۇاڭيۈەنشەي ئالما كۆچىتىنى نوڭفۇ باغۋەنچىلىك كۆچەت يېتىشتۈرۈش بازىسى تەمىنلىدى؛ 2000 مو يەرگە تېرىلىدىغان ئۈستىقۇددۇسنى لۇساۋگۇ بازىرى سىگۇڭ كەنتى تېرىقچىلىق بازىسى تەمىنلەپ، خاس تېرىقچىلىقنىڭ دېھقانچىلىققا تەسىر يەتكۈزمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  مۇخبىرلارنىڭ قورغاس ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ناھىيە بويىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ كۆلىمى تەخمىنەن 420 مىڭ مو بولۇپ، ھازىر ئۇرۇقلۇق، كۆچەت، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، سۇلياۋ يوپۇق، تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغى قاتارلىق ماددىي ئەشيا زاپىسى يېتەرلىك، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق ماشىنا-سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى رېمونت قىلىنغان بولۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىش دۇكىنى قاتارلىق ئالاقىدار دۇكانلارنىڭ تىجارىتىمۇ ئەسلىگە كەلگەن. بۇ ئىدارە يەنە يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان تۈرلۈك تىجارەت سورۇنلىرىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى 148 قېتىم قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى پائال ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى