تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا باسقۇچلۇق كېمەيتىپ يىغىلىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنىڭ 3 مىليارد 641 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر پەن يىڭ): شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاشكارىلىشىچە، شىنجاڭدا 2-ئايدىن باشلاپ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئورۇنلىرى تاپشۇرغان ھەقنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىپ ئېلىش يولغا قويۇلغان، ئەگەر ئەڭ ئۇزۇن مۇددەت بەش ئاي ئىچىدە كېمەيتىپ ئېلىنسا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى 3 مىليارد 641 مىليون يۈەن كېمەيتىپ يىغىلىدىكەن.

  شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ داۋالاش كاپالىتى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ جىخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى بېسىپ تارقاتقان «ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى، مالىيە نازارىتى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىپ ئېلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»گە ئاساسەن، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى فوند چىقىم قىلىشقا بولىدىغان ئاي سانى ئاز بولغانلىقتىن كېمەيتىپ ئېلىش خىزمىتى يولغا قويۇلمىغاندىن سىرت، كېمەيتىپ ئېلىش دائىرىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش قىسمى بولۇپ، ھەر تۈرلۈك كارخانا، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە يەككە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىمقى باسقۇچلۇق كېمەيتىپ يىغىش سىياسىتى سۇغۇرتىغا قاتناشقان 109 مىڭ ئورۇنغا، 4 مىليون 265 مىڭ ھەق تاپشۇرغۇچىغا چېتىلىدۇ.

  3-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، شىنجاڭ بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى 99 مىليون يۈەن كېمەيتىپ يىغىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كارخانىلارنىڭ كېمەيتىلگەن بېجى 433 مىليون يۈەن، 82 مىڭ 100 مىڭ ئائىلىگە چېتىلىدۇ، يەككە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ كېمەيتىپ يىغىلغان بېجى 68 مىليون يۈەن بولۇپ، 576 مىڭ 900 ئادەمگە چېتىلىدۇ، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كېمەيتىپ يىغىلغان بېجى 489 مىليون يۈەن بولۇپ، 24 مىڭ 200 ئورۇنغا چېتىلىدۇ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ ئوبوروت بېسىمى ۋە يەككە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سېلىقى ۋاقتىدا يېنىكلىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى