تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

چۇڭچىڭ چاڭشوۋ: كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى

3-ئاينىڭ 24-كۈنى، چۇڭچىڭ شەھىرى چاڭشۈي قۇش باقمىچىلىقى كەسپى تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، خادىم نەسىللىك توخۇنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، چۇڭچىڭ شەھىرى چاڭشوۋ رايونى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ تەۋەلىكىدىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق كارخانىلىرى، چارۋىچىلىق فېرمىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنى تۈرگە، تۈركۈمگە ئايرىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەرتىپلىك يېتەكچىلىك قىلدى. 3-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە، چۇڭچىڭ شەھىرى چاڭشوۋ رايونىدىكى بىر قەدەر چوڭ يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىدىن 194ى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (خۇاڭ ۋېي فوتوسى)

3-ئاينىڭ 24-كۈنى، چۇڭچىڭ شەھىرى چاڭشوۋ رايونى گېشىڭ بېلىقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ بېلىق كۆلچىكىدە، خىزمەتچى يېڭىدىن سېتىۋالغان بېلىجانلارغا يەم بەرمەكتە.

3-ئاينىڭ 24-كۈنى، چۇڭچىڭ شەھىرى چاڭشوۋ رايونى خۇابېن گۆش كالىسى باقمىچىلىق مەيدانىدا، خىزمەتچى گۆش كالىسىغا يەم بەرمەكتە.

3-ئاينىڭ 24-كۈنى، چۇڭچىڭ شەھىرى چاڭشوۋ رايونى شىيەن بازىرى 3-كوپىراتىپى رۇڭخې شال راك بېقىش بازىسىدا، خىزمەتچى تېخى چوڭ بولمىغان راكلارنى شاللىققا قويۇپ بەرمەكتە.

3-ئاينىڭ 24-كۈنى، چۇڭچىڭ شەھىرى چاڭشوۋ رايونى شىيەن بازىرى 3-كوپىراتىپى رۇڭخې شال راك بېقىش بازىسىدا، خىزمەتچى راك قەپىزىنى شال ئېتىزلىقىغا قويماقتا.

3-ئاينىڭ 24-كۈنى، چۇڭچىڭ شەھىرى چاڭشوۋ رايونى خۇابېن گۆش كالىسى باقمىچىلىق مەيدانىدا، خىزمەتچى موزايغا سۈت بەرمەكتە.

3-ئاينىڭ 24-كۈنى، چۇڭچىڭ شەھىرى چاڭشوۋ رايونى گېشىڭ بېلىقچىلىق چەكلىك شىركىتىدە، خىزمەتچى پارنىكنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، بېلىجان كۆلچىكى ئىچىدىكى تېمپېراتۇرىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بىزگە تونۇش ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى...
  • توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش
  • خوتەندىكى كەچلىك بازارلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى