تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[سۈزۈك سۈرەتلەر] كورلا شەھىرى ئاق قۇ دەرياسىنىڭ كېچە مەنزىرىسى

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچقۇرۇن تارتىلغان شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى ئاق قۇ دەرياسىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر چۆ . خۇرە خەۋىرى، فوتوسى): باھاردىكى 3-ئايدا، كورلا شەھىرى ئاق قۇ دەرياسى خۇددى ئەينەكتەك جىمجىت ئىدى، سۇ يۈزىدە گۈزەل كۆلەڭگىلەر ئەكس ئېتىپ تۇراتتى، ياپيېشىل سۆگەت تاللىرى مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ، گۈزەل چىراغ نۇرى ئاستىدا ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. كورلا شەھىرىنىڭ ئاق قۇ دەرياسى مەنزىرە رايونى دۆلەتنىڭ 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ، جەنۇبتا كورلا لىشياڭخۇ كۆلىدىن باشلىنىپ، شىمالدا كورلا شەھىرىنىڭ شىزىچياۋ كۆۋرۈكىگىچە بارىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇق 10 كىلومېتىر بولۇپ، كۆنچى دەرياسى ساياھەت مەنزىرە رايونى ۋادىسى بۆلىكى، ئاق قۇ دەرياسى مەنزىرە رايونى بۆلىكى، خۇڭيەنخې دەرياسى مەنزىرە رايونى بۆلىكىگە بۆلىنىدۇ، كۆنچى دەرياسى، كاككۇك دەرياسىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم سۇ ئۈستى تۈگىنى، شۇنداقلا كورلا شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ ئىستىراھەت، ساياھەت، سەيلە قىلىدىغان مۇھىم مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى