شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر جاۋ شىيا، ئىختىيارىي مۇخبىر شاۋ كەيمىڭ خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، 500 مىڭ دانە ماسكا گۇاڭدۇڭدىن قەشقەرگە يەتكۈزۈلۈپ، شۇ جايدىكى ئوقۇش باشلىغان بالىلارغا ئالاھىدە غەمخورلۇقنى ھېس قىلدۇردى.
ئىگىلىنىشچە، ئىئانە قىلىنغان ماسكىنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى 1 مىليون 250 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ سېتىۋالغانىكەن. بىر ھەپتە بۇرۇن، بۇ قوماندانلىق ئىشتابى شۇ جايدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى توپلاۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال زاۋۇت بىلەن ئالاقىلىشىپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان 500 مىڭ دانە مۇداپىئە ماسكىسىنى سېتىۋالغان ھەمدە جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىلەن ھاۋا تىرانسپورتى ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرغان. جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى بۇ ماسكىلارنىڭ توشۇلۇشىغا يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، ئورۇن ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە قەشقەرگە يەتكۈزگەن.