تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى كېچىدە تەكشۈرۈش بىر تۇتاش ھەرىكىتىنى باشلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ياڭ شو، ئىختىيارىي مۇخبىر فېڭ جېيى خەۋىرى): ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، يولدا ئاپتوموبىللار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، يول قاتناش بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپى كۈچەيدى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماقلىرى 3-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە، 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە سائەت 22دىن 24كىچە ۋىلايەت دائىرىسىدە كېچىدە تەكشۈرۈش بىر تۇتاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى يول قاتناش تەرتىپىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە كېچىدە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشكە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار نۇقتىلىق تۈزىتىلىدىكەن، ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش چوڭ ئەترىتى ئالاھىدە چارلاش ساقچى چوڭ ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ، شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى ئۆلكە يولى، ناھىيە يولىنىڭ مۇھىم يول بۆلەكلىرىدە نۇقتا تەسىس قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش، نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىش، بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، پىيادىلەر سىزىقىدا پىيادىلەرگە يول بەرمەسلىك، چوڭ چىراغنى قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىق قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئۇچرىغان ئاپتوموبىللارنى جەزمەن تەكشۈرۈش، خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن تۈزىتىش، قاتتىق تەكشۈرۈش، قاتتىق باشقۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

  خەلق ساقچىلىرى كەڭ شوپۇرلارغا شۇنداق ئەسكەرتىدۇ: مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ ھەممىسى قاتناش قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپ قىلمىش، تەلەي سىنىماڭ، قانۇن بىلەن ئويناشماڭ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنغا رىئايە قىلىپ، بىخەتەر، مەدەنىي سەپەرگە چىقىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى