تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئوقۇش باشلاپ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ھەرىكەتتە

  شىخەنزە شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تور دەرسلىكىنى ئىشلىدى ھەم پۈتۈن شەھەردىكى 28 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۆگىنىشىگە تارقىتىپ بەردى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دوڭ شياۋخەن، ئىختىيارىي مۇخبىر تەن خۇيرۇ خەۋىرى، فوتوسى): نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاندى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە ئۆزى مۇداپىئەلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بىر قانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماقلىرى ئۆت ئۆچۈرۈش، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن ئامىللىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماقلىرى ئاساسلىقى مەكتەپلەردە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن ئامىللىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، قاراشلىق رايوندىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن ئامىللىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىنچ، ئىناق بولغان مەكتەپ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەر مۇھىتى بەرپا قىلىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش باش ئەترىتى يەنە «مەكتەپلەردە تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتقان بولۇپ، 3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە مەكتەپ تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

  بورتالا ئوبلاستلىق ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى قاراشلىق رايوندىكى ساقچىخانا قاتارلىق تاماقلار بىلەن بىرلىكتە مەكتەپلەردە بىخەتەرلىك چوڭ تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇردى.

  خوتەن ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى مائارىپ ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە قاراشلىق رايوندىكى مەكتەپلەردە ئوت ئۆچۈرۈش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  شىخەنزە شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى توردا سىنلىق دەرس ئۆتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى